يېقىن – يورۇقلارنىڭ ئاشكارا گۇناھلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە توسماستىن سەل قاراشنىڭ ۋابالى


بىزگە ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىپ شۇنداق دېدى، دادام ماڭا رىۋايەت قىلىپ شۇنداق دېدى، بىزگە سەييار رىۋايەت قىلىپ شۇنداق دېدى، بىزگە جەئفەر رىۋايەت قىلىپ شۇنداق دېدى، مالىك ئىبنى دىنار بىزگە شۇنداق خەۋەر بەردى:

بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئۆيىگە يىغىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتى. ئاللاھنىڭ (قىيامەتكە ئوخشاش ئازابلىق) كۈنلىرىنى ئۇلارغا ئەسلىتەتتى. بىر كۈنى ئۇ (ئاشۇنداق مەجلىسلەردىن بىرىدە) ئوغلىنىڭ بىر ئايالغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئى ئوغلۇم! ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئى ئوغلۇم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ (سۆز قىلىۋاتقان) كارىۋىتىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ بوينى سۇنۇپ كەتتى، ئايالىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى، ئوغلى قوشۇندىكى چېغىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئاندىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدى: «پالانىغا (يەنى ئاشۇ ئالىمغا) شۇنداق دەپ خەۋەر بەرگىنكى، مەن ئۇنىڭ نەسلىدىن ھەرگىز سالىھ كىشىلەرنى چىقارمايمەن. چۈنكى، سەن مەن ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە پەقەت: <ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئى ئوغلۇم!> دېيىش بىلەنلا بولدى قىلدىڭ!».

مەنبە: ئىمام ئەھمەدنىڭ زۇھد كىتابى 526-نومۇر.

«الزهد لأحمد بن حنبل» (ص85):

«526 – حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ، حَدَّثَنِي أبِي، حَدَّثَنَا سَيَّارٌ، حَدَّثَنَا جَعْفَرٌ، أَخْبَرَنَا مَالِكُ ‌بْنُ دِينَارٍ قَالَ: ” كَانَ حَبْرٌ مِنْ أَحْبَارِ ‌بَنِي ‌إِسْرَائِيلَ يَغْشَى مَنْزِلَهُ الرِّجَالُ وَالنِّسَاءُ؛ يَعِظُهُمْ فَيُذَكِّرُهُمْ بِأَيَّامِ اللَّهِ، فَرَأَى بَعْضَ بَنِيهِ يَوْمًا غَمْزَ النِّسَاءَ، فَقَالَ: مَهْلًا يَا بُنَيَّ مَهْلًا يَا بُنَيَّ ” قَالَ: ” فَسَقَطَ مِنْ سَرِيرِهِ، وَانْقَطَعَ نُخَاعُهُ، وَأَسْقَطَتِ امْرَأَتُهُ، وَقُتِلَ بَنِيهُ فِي الْجَيْشِ، فَأَوْحَى اللَّهُ عَزَّ وَجَلَّ إِلَى نَبِيِّهِمْ أَنْ أَخْبِرْ فُلَانًا الْحَبْرَ أَنِّي لَا أُخْرِجُ مِنْ صُلْبِكَ صِدِّيقًا أَبَدًا، مَا غَضَبُكَ لِي إِلَّا أَنْ قُلْتَ: مَهْلًا يَا بُنَيَّ مَهْلًا يَا بُنَيَّ “»