دەۋەتچى ئۆزىدە قانداق ئىلىملەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4 – جىلىد 233 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان دەۋەتچى ئۆزىدە قانداق ئىلىملەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

جاۋاب: دەۋەتچىنىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ياخشى بىلىشى زۆرۈر، چۈنكى الله سبحانه وتعالى مۇنداق دېگەن: «ئېيتقىنكى: بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر. مەن روشەن ئىلىمگە ئاساسلانغان ھالدا (كىشىلەرنى) الله قا دەۋەت قىلىمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ (شۇنداق قىلىدۇ)» [سۈرە يۈسۈف 108 – ئايەت].

مەزكۇر ئايەتتىكى ئىلىم ـــ الله تعالى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا؛ پەيغەمبەر ﷺ ئۆزىنىڭ سەھىھ سۈننىتىدە بايان قىلىغان ئىلىملەردۇر. ئىلىم مۇشۇ ئىككى مەنبەنى، يەنى قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتنى؛ الله نىڭ بۇيرۇق –چەكلىمىلىرىنى، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ الله نىڭ يولىغا قانداق دەۋەت قىلغانلىقىنى، مۇنكەرگە قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دەۋەتچى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولى (ئايەت – ھەدىسلەرنى چۈشىنىش ئۇسلۇبى، دەۋەت مېتودى)نىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك.

دەۋەتچى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ توغرا مېتودىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، قۇرئان ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلىشى، ھەدىس كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇشى، ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. چۈنكى، ئالىملار (الله ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) بۇ ھەقتە، يەنى قانداق دەۋەت قىلىش ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختالغان.

بۇ ۋەزىپىنى (يەنى دەۋەت ۋەزىپىسىنى) ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى، دەۋەتكە ئۆزىنى بېغىشلىشى، الله نىڭ كىتابىنى ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر نەرسىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇشى، يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.

چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش يامان ئاقىۋەتكە، يامانلىقتىن توسۇش تېخىمۇ ئېغىر يامانلىققا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك.

خۇلاسە كالام، دەۋەتچى ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇشتا (يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشتا) لازىم بولىدىغان زۆرۈر ئىلىملەرنى ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك.

*******************************

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رحمه الله باشقىلارنى دىنغا دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك بولغان شەرتلەر توغرىسىدا شۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزى باشقىلارنى دەۋەت قىلىۋاتقان مەسىلە ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ چوڭ ئالىم بولۇشى، ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇشى ياكى ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولۇشىنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، لېكىن ئۇ كىشى ئۆزى دەۋەت قىلىۋاتقان مەسىلىنى تولۇق بىلىشى ۋە ماھىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەن بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ﷺ نىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» دېگەن مۇبارەك سۆزىدە، دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن بولۇشى كېرەكلىكى شەرت قىلىنماستىن، بەلكى ئۆزى دەۋەت قىلىۋاتقان مەسىلىنى چۈشەنگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما، ھېسسىياتىغا ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپلا، ماھىيىتىنى بىلمىگەن ئىشقا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، دىنغا دەۋەت قىلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇلاردا يېتەرلىك دىنىي بىلىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھېس – تۇيغۇ ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپلا دەۋەت قىلىپ، ئۆزلىرى باشقىلارنى بۇيرۇۋاتقان ياكى توسۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەستىن، ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ھارام قىلمىغان، چەكلىمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چەكلەپ قويىدۇ. الله تعالى بەندىلەرگە ۋاجىب قىلمىغان بەزى ئەمەللەرنى ۋاجىب دەپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش ناھايىتى خەتەرلىكتۇر. الله تعالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: {وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَـٰذَا حَلَالٌ وَهَـٰذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ ، مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}

تەرجىمىسى: «ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) بۇ ھالال، بۇ ھارام دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) الله نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، الله نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا – ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نەھل 116-117-ئايەت].

«ھەرەم دىيارى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى» ناملىق ئەسەر 329-بەت.