شەيخ مۇقبىل ۋادىنىڭ شەيخ بىن بازغا بەرگەن باھاسى

        مۇھەددىس شەيخ مۇقبىل ئىبنى ھادى ئەلۋادى رحمە اللە تىن سورالدى:

سوئال: بۇ دەۋردە فىقھى، ھەدىس ۋە ئۇسۇل ئىلىملىرى جەھەتتە ئەڭ بىلىملىك ​​كىشى كىم؟

جاۋاب: بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ (يەنى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ) ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش زۆرۈر. مېنىڭ يەمەندە تۇرۇۋاتقىنىمغا ئۇزۇن زامانلار بولدى، (شۇ ۋەجىدىن) ئۆلىمالار بىلەن ئانچە قويۇق باردى – كەلدى قىلالمىدىم. ئەمما، پەتىۋالىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەندە شەكىللەنگەن چۈشەنچىگە كۆرە، شەيخ بىن باز فىقھى جەھەتتە مۇشۇ دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىلىملىكىدۇر. ئاللاھ ئۇنى قوغدىغاي.

مەنبە: «مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب» 318-سوئال