دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى» دىكى 507693 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ئۇ كېچىدە پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم گە مىڭ قېتىم دۇرۇت ئېيتسام، ئۇنىڭ ئەجرى خۇددى مىڭ ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا ھەر كۈنى مىڭ قېتىم دۇرۇت ئېيتقاندەك ھەسسىلەپ كۆپىيەمدۇ؟ بۇ سوئالنى سورىشىمدىكى سەۋەب، مەن بەزى كىشىلەرنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ناماز ۋە قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت -سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە بولسۇن. مەقسەتكە كەلسەك:
قەدىر كېچىسى مۇبارەك بىر كېچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ھا مىم. روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە (يەنى قەدىر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز (ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق.» (سۈرە دۇخان، 1-3-ئايەتلەر)}
بۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بىز قۇرئاننى قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدىر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.} (سۈرە قەدىر، 1-3-ئايەتلەر).
ئىمام ئابدۇرەززاق «تەپسىر»دە (3/445) قەتادە رەھىمەھۇللاھتىن ئاللاھ تائالانىڭ «مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر» دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۇ، ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.»
ئىمام ۋاھىدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ۋە ئەمەل قىلىش، ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايدىكى روزا تۇتۇش ۋە قىيامدا تۇرۇشتىن ياخشىدۇر. بۇ مۇقاتىل، سۇفيان، قەتادە، فەررائ ۋە زەججاجلار تاللىغان قاراشتۇر.» («البسيط»، 24/192).
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«تەپسىرشۇناسلار: <قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر> دېگەننىڭ مەنىسى: قەدىر كېچىسىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەل، ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايدىكى ئەمەلدىن ياخشىدۇر، دېگەنلىكتۇر دەپ ئېيتقان.» («معالم التنزيل»، 8/491).
ئىمام تەبەرىمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان ۋە مۇنداق دېگەن:
«بۇ ھەقتىكى قاراشلار ئىچىدە ئايەتنىڭ زاھىرىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغىنى: <قەدىر كېچىسىدىكى ئەمەل، ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايدىكى ئەمەلدىن ياخشىدۇر> دېگەن كىشىنىڭ سۆزىدۇر.» («تەپسىرى تەبەرى»، 24/534).
ئىمام ئىبنى كەسىرمۇ مۇشۇ قاراشنى توغرا كۆرۈپ مۇنداق دېگەن:
«مۇجاھىد: <قەدىر كېچىسى ـــ ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان ـــ مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر> دېگەن. قەتادە، شافىئىي ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ شۇنداق دېگەن. ئەمرۇ ئىبنى قەيس ئەلمۇلائى: <ئۇ كېچىدىكى ئەمەل مىڭ ئايلىق ئەمەلدىن ياخشىدۇر> دېگەن. بۇ كېچىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ (ئىچىدە قەدىر كېچىسى بولمىغان) مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى قاراشنى ئىمام ئىبنى جەرىر تاللىغان بولۇپ، توغرىسىمۇ شۇدۇر.» («تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 7/609).
ياخشى ئەمەللەر كۆپ ۋە تۈرلۈك بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى شۇكى، ھەر بىر پەزىلەتلىك ۋاقىتتا شۇ ۋاقىتقا ماس كېلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش باشقا ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. قەدىر كېچىسىدە قايسى ئەمەلنى قىلىشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكى ۋە بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتىگە نېمە بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جەزمەن بىلىش پەقەت ۋەھىي (يەنى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىس) ئارقىلىق بولىدۇ. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەسىلىدە مۇنداق دېگەن:
«بۇنداق ئىشلاردا سۆز قىلىش ئۈچۈن ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە نېمەتلەرنىڭ مىقدارىنى بىلىش زۆرۈر بولۇپ، بۇنى پەقەت ۋەھىي (يەنى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر) ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. ھېچكىمنىڭ بۇ ھەقتە بىلىمسىز ھالدا سۆز قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.» («زادۇل مەئاد»، 1/37).
سۈننەتتە بۇ كېچىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى كېچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇخارى (2017) ۋە مۇسلىم (1169) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن:
«قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار.»
ئىمام بۇخارىنىڭ يەنە بىر ھەدىسىدە: «ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار» دەپ كەلگەن.
شۇنداقلا سۈننەتتە بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتىگە مۇشۇ ئون كېچىنى ئەھيا قىلىش (يەنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش) ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇخارى (2024) ۋە مۇسلىم (1174) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرگەندە، ئىزارىنى چىڭ باغلايتتى (يەنى ئاياللىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، ئىبادەتكە بېرىلەتتى)، كېچىسىنى ئەھيا قىلاتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى.»
يەنە سۈننەتتە بۇ كېچىلەرنى ئەھيا قىلىشنىڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇش (قىيام) ۋە دۇئا بىلەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ سۆزى ۋە ئەمەلى بىلەن سابىت بولغان. جۈملىدىن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىنى (بۇ كېچىنىڭ ساۋابىغا) ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋابىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ھالدا قىيام (يەنى ناماز) بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2014، مۇسلىم 760).
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم بىلەن بىللە روزا تۇتتۇق. رامزاندىن يەتتە كېچە قالغانغا (يەنى رامزاننىڭ 23 – كېچىسىگە) قەدەر، ئۇ بىزگە ناماز (يەنى تەراۋىھ نامىزى) ئوقۇپ بەرمىدى. ئاندىن شۇ كېچىدە (يەنى رامزاننىڭ 23 – كېچىسىدە) بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز (تەراۋىھ نامىزى) ئوقۇدى ۋە نامازنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇردى.
ئاندىن رامزاندىن ئالتە كېچە قالغان كېچىدە (يەنى رامزاننىڭ 24 – كېچىسىدە) بىزگە ناماز (تەراۋىھ نامىزى) ئوقۇپ بەرمىدى. ئاندىن رامزاندىن بەش كېچە قالغان كېچىدە (يەنى رامزاننىڭ 25 – كېچىسىدە) بىزگە ناماز ئوقۇپ بەردى ۋە تاكى كېچىنىڭ يېرىمى ئۆتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇردى.
بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، (ساۋابىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى ئۈچۈن) مۇشۇ كېچىمىزنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسىلە بولمامدۇ؟» دېدۇق.
شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېدى: «كىمكى ئىمام نامازنى تۈگىتىپ بولغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قىيامدا تۇرسا (ناماز ئوقۇسا)، ئۇ كىشىگە بىر كېچە تولۇق ناماز ئوقۇغاننىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ.»
ئاندىن رامزاندىن ئۈچ كېچە قالغانغا قەدەر (يەنى 27 – كېچىگىچە) بىز بىلەن بىرگە ناماز (تەراۋىھ نامىزى) ئوقۇمىدى. ئۈچ كېچە قالغان كېچىدە (يەنى رامزاننىڭ 27-كېچىسى) بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە ئاياللىرىنىمۇ نامازغا چاقىردى. رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇۋەردى، ھەتتا بىز <الْفَلَاحَ> ھەققىدە قورقۇپ قالدۇق»
(ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن ئىمام دەيدۇكى:) مەن ئەبۇ زەردىن: «<الْفَلَاحَ> دېگەن نېمە؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «سوھۇرلۇق» دەپ جاۋاب بەردى (يەنى رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم ئۇ كېچىدە نامازنى كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىغىچە داۋاملاشتۇرغاچقا، ساھابىلەر تاڭ سۈزۈلۈپ كېتىپ، سوھۇرلۇق يېگۈدەك ۋاقىت قالماسلىقىدىن ئەنسىرەشكەن) (ئەبۇ داۋۇد: 1375، نەسائىي: 1605، تىرمىزى: 806، ئىبنى ماجە: 1327؛ سەھىھ)
* بۇ ھەدىس ئەبۇلئەئلا مۇھەممەد ئابدۇرراھمان مۇبارەكفورىنىڭ «تحفة الأحوذي بشرح جامع الترمذي» دېگەن ئەسىرىدىكى مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا تەرجىمە قىلىندى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى بىلسەم، ئۇ كېچىدە نېمە دەيمەن؟» دېسەم، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم: «اللَّهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ فَاعْفُ عَنِّي (ئى ئاللاھ، سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن) دەڭ» دېدى. (تىرمىزى 3513، سەھىھ).
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«قەدىر كېچىسىنىڭ نېسىۋىسىگە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بويىچە ئىش قىلغاندا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ كېچىنىڭ قىيامى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.» («شرح عمدة الفقه»، 3/572).
ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«قەدىر كېچىسىدىكى ئەمەلگە كەلسەك، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ <كىمكى قەدىر كېچىسىنى (بۇ كېچىنىڭ ساۋابىغا) ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋابىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ھالدا قىيام (يەنى ناماز) بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ> دېگەنلىكى سابىتتۇر.
پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم رامزان كېچىلىرىدە تەھەججۇد ئوقۇيتتى، قىرائەتنى دانە – دانە قىلاتتى، رەھمەت ئايىتى كەلسە رەھمەت تىلەيتتى، ئازاب ئايىتى كەلسە ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ناماز، قىرائەت، دۇئا ۋە تەپەككۇرنى جەم قىلاتتى. بۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ۋە باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئەمەلدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» («لطائف المعارف»، 359-بەت).
بۇ بولسا مۇئمىنلەرنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن يولىدۇر.
ئەگەر بىر مۇسۇلمان بۇ كۆرسەتمىگە تولۇق ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىگە ئاسان بولغان دۇئا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا سەدىقە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ياخشى ئەمەللەرگە كەلسەك، بۇلارمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، قەدىر كېچىسىدە ساۋابى ھەسسىلىنىدىغان ئەمەللەر قاتارىغا كىرەمدۇ؟ يەنى بۇ كېچىدە قىلىنغان سەدىقە باشقا ۋاقىتتا قىلىنغان سەدىقىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل بولامدۇ؟
بۇ سۈكۈت قىلىنىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ سۆزىدە، كۆرسەتمىلىرىدە ياكى سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدا بۇ ھەقتە دەلىل يوق. ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتىنى قىياس بىلەن بېكىتكىلى بولمىغاچقا، بۇ كېچىدە سەدىقە قىلىشنىڭ ئەجرىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنى ئالەملەرنىڭ رەببى، سېخىيلارنىڭ سېخىيسى بولغان ئاللاھقا تاپشۇرىمىز.
خۇلاسە:
قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچىدۇر. ئۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. سۈننەتتە بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ كېچىنى ئۇزۇن نامازلار بىلەن، دۇئا قىلىش بىلەن ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
