دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 59957 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
نامازدا قولنى قويىدىغان ئورۇن مەيدە (يەنى كىشىنىڭ كۆكسى)دۇر.
بۇنىڭ دەلىلى شۇكى،
ئىمام ئىبنى خۇزەيمە رەھىمەھۇللاھ توپلىغان ھەدىستە (474)، ۋاھل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:
«صَلَّيْتُ مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم، وَوَضَعَ يَدَهُ الْيُمْنَى عَلَى يَدِهِ الْيُسْرَى عَلَى صَدْرِهِ»
«مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، (ھەر ئىككى قولىنى) مەيدىسىگە قويدى.» [ئىمام ئەلبانى «سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە»نىڭ تەھقىقىدە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالىغان]
ئىمام ئەلبانى «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ نامىزىنىڭ سۈپىتى» دېگەن ئەسىرىدە (69 – بەت) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«وضعهما على الصدر هو الذي ثبت في السنة ، وخلافه إما ضعيف أو لا أصل له»
«رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ سۈننىتىدە سابىت بولغىنى قوللارنى مەيدىگە قويۇشتۇر. بۇنىڭدىن باشقىسى يا زەئىپ (يەنى زەئىپ دەلىللگە ئاساسلانغان)، يا ئاساسسىزدۇر.»
ئىمام سىندى رەھىمەھۇللاھ «سۇنەن ئىبنى ماجە»گە يازغان ھاشىيەسىدە مۇنداق دېگەن:
«قولنى ئىككى يانغا تاشلىۋالماستىن، بىرىنى بىرىنىڭ (يەنى ئوڭ قولنى سول قولنىڭ) ئۈستىگە قويۇش رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ سۈننىتى بولغىنىدەك، قوللارنىڭ باشقا ئورۇنغا ئەمەس، مەيدىگە قويۇلىدىغانلىقىمۇ ئىسپاتلانغاندۇر. <ناماز ئوقۇغاندا بىر قولنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كىندىكنىڭ ئاستىغا قويۇش سۈننەتتۇر> دېگەن ھەدىسكە كەلسەك، ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن.»
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«مەزھەپتىكى (يەنى ھەنبەلى مەزھىپىدىكى) مەشھۇر قاراشتا <قوللارنى كىندىكنىڭ ئاستىغا قويۇش شەرىئەت كۆرسەتمىسىدۇر> دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئەلىي رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ دىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە <ناماز ئوقۇغاندا بىر قولنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كىندىكنىڭ ئاستىغا قويۇش سۈننەتتۇر> دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى، ئىمام ئىبنى ھەجەر ۋە باشقىلار زەئىپ دەپ باھالىغان.
بەزى ئالىملار قوللارنى كىندىكنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا بولىدۇ، دېيىشكەن. بۇنى ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان.
باشقا ئالىملار «نامازدا قوللار مەيدىگە قويۇلۇشى كېرەك» دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ھەققىدە بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، «سەھىھۇل بۇخارى»دىكى، سەھىل ئىبنى سەئىد رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ بايان قىلغان ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسى قوللارنى مەيدىگە قويۇش كېرەكلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دەلىل ـــ گەرچە بۇ ھەقتە بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ ـــ ۋاھل ئىبنى ھۇجۇر رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ دىن كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ نامازدا قوللىرىنى مەيدىسىگە قويىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.» [«الشرح الممتع» 3 – توم 36 ~ 37 – بەتلەر]
