تاھارەت ئالغاندا، قۇلاققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قولغا يېڭىدىن سۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىكى 137 – نومۇرلۇق سوئال.

جاۋاب: قۇلاققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قولغا يېڭىدىن سۇ ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈچلۈك قاراشقا كۆرە، بۇنداق قىلىش مۇستەھەبمۇ ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى تەسۋىرلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ قۇلىقىغا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قولىغا يېڭىدىن سۇ ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا، باشقا مەسىھ قىلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ھۆللۈكتە قۇلاققا مەسىھ قىلىش ياخشىدۇر. 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.