سوئال: مەن ﺑﻪﺯﻯ ئىماملاردىن ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ئۈچ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺭﺕ ئاستىدا ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ئىككى رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯨﻦ كېيىن پېشىن (يەنى ئاتالمىش «ئېھتىياتى پېشىن») نامىزىنىڭ ﺗﯚﺕ رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺵ كېرەك، ﺩﯦﮕﻪﻥ پەتىۋانى ﯪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. (ئۇلار دېگەن بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە) 1-. ئەگەر بىز سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ﻳﯩﺮﺍﻕ بولساق. 2- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ئىسلام دۆلىتىدە ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﺎﻕ. 3- ياكى ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھۆكۈمىتىمىز ئىسلامىي ھاكىمىيەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
سوئالىمغا سەمىمىي ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دىيارىمىزدا ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ھەممىسى مۇشۇنداق ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، لېكىن مەن ﺑﯘ توغرىسىدا ئىزدەنگەن بولساممۇ ئۇنىڭغا دائىر بىرەرمۇ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.
ﺟﺎﯞﺍﺏ:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
جۈمە نامىزىدىن كېيىن پېشىن نامىزى ئوقۇش بەزىلەرنىڭ شەخسىي كۆز ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ مەككىدىن يىراق بولۇش – بولماسلىق، ئىسلامىي دۆلەت بولۇش-بولماسلىق ﯞﻩ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ بولۇش – بولماسلىقى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﯬﻫﻠﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪت ۋەلجامائەگە ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ بولۇش – بولماسلىقى ﯞﻩ خەلىپىنىڭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ جۈمە نامىزى ئوقۇشنىڭ شەرتى ئەمەس. ( ﻓﻪﺗﯩﯟﺍ ﯬﻝ لەجنە ﯬﻝ ئىلمى8/187 )
بۇ توغرىدا يېتەرلىك ئىلمى يوق ۋەياكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بولمىغان، ﺳﯩﺰ سوئالدا ئېيتقاندەك ئاتالمىش «ﯻﻤﺎﻡ»لارﻧﯩﯔ «جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېھتىياتىي پېشىن نامىزى ئوقۇش كېرەك» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺰ مەشھۇر ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ. ﯪﻟﯩﻤﻼﺭ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ پېشىن ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭىئەتتە ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ﯬﮔﻪﺭ بىراۋ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاقتىدا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ جۈمە ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮلمايدىغان ئەھۋالدا، ﺟﯜﻣﻪﻧﻰ ﯮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ پېشىن ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺷﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ دىنىي كىتابتا ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ پېشىن نامىزى ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ قەيت ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﯬﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ئۇ توغرىدا ھەدىس ۋەياكى ساھابىلارنىڭ كۆز قارىشى ﺧﺎﺗﯩﺮلەنگەن بولاتتى.
(ئىبادەتنى چىن ئىخلاس ۋە تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىلىش پەرز بولۇپ، ئىباەتنىڭ قوبۇل بولۇشىدا، ئىككىلىنىپ ياكى شەكلىنىپ، ئۇ بولسا بولار، بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ بولار دېگەندەك، «ئېھتىياتى پېشىن»گە ئوخشاش (دەلىلسىز، بىدئەت) ئەمەللەرنىڭ كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىزدە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ھەرەز قىلىشىمىز لازىم، م)
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.
تەرجىماندىن ئىلاۋە:
شۇنداقلا، جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ئاتالمىش «تۆت رەكئەت سۈننەت» ناماز ئوقۇشمۇ بىدئەت بولۇپ، كىشى جۈمە كۈنى مەسجىدكە كىرگەندە، ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزىلا ئوقۇشى كېرەكتۇر. ئالىملار ھەممە كىشى جۈمە نامىزىدىن ئاۋۋال ئاتالمىش «تۆت رەكئەت سۈننەت» ئوقۇلىدىغان مەسجىدلەرگە كىرگەن كىشىنىڭ، شۇلارغا قارشى يول تۇتۇپ، ئۇلار ناماز ئوقۇغاندا جايىدا جىم ئولتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشقان.
بىدئەت كىشى ئۈچۈن يۈكتۇر، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللاردىن بىرىدۇر. ئاللاھ ھەممەيلەننى ئەقىدە ۋە ئەمەلدىكى بارچە بىدئەتلەردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي!
