ھەدىس شەرھى | ئاللاھقا قارىتا «ياخشى ئويدا بولۇش» زادى قانداق بولىدۇ؟

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهما ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«ھەر بىرىڭلار الله عزَّ وجَلّ ھەققىدە ياخشى ئويدا بولغان (يەنى الله نىڭ ئۆزىنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن) ھالدا جان ئۈزسۇن.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:

«بەندە قاچانىكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە پەزلىگە سەۋەب بولىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلسا ۋە ئاللاھ ئاشۇ ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا، ئاللاھقا قارىتا ياخشى ئويدا (حسن الظن) بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلماستىن، ئاساسسىز ھالدا <ياخشى ئوي>دا بولۇش ئاللاھ تەئالادىن بىھۇدە بىر نەرسە كۈتۈش قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ، ئاللاھتىن ھەرخىل ياخشى نەرسىلەرنى ئۈمىد قىلغۇچى ھەقىقىي زەئىپ ئىنساندۇر.

ياخشى ئوي پەقەت ئاللاھ تەئالا توغرىسىدا ياخشى ئويدا بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەنلا بولىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇغاندا، ئاللاھنىڭ شۇ نامىزىڭنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ياخشى ئويدا بول. روزا تۇتقاندا ۋە سەدىقە بەرگەندىمۇ شۇنداق قىل. لېكىن، بىر تەرەپتىن ئاللاھقا ئاشكارا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ توغرىسىدا <ياخشى ئوي>دا بولۇش ھېچبىر سەرمايىسى ۋە تايانچى بولمىغان ئاجىزلارنىڭ ئادىتىدۇر.»

مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 441 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.