دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 540774 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مېنىڭ سۈنئىي ئەقىل يۇمشاق دېتالىدىن بەزى ئىسلامىي مەسىلىلەرنى سورىشىم، ئۇنىڭدىن ھۆكۈم ئېلىشىم ۋە ئۇ چىقارغان ھۆكۈم بويىچە ئىش قىلىشىم دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامان – ئېسەنلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە بولسۇن.
بىرىنچىدىن، پەتىۋا سوراشتىكى مەقسەت ھۆكۈمنى بىلىشتۇر. بىر ئالىم پەتىۋا بەردى دېگەنلىك، «ئۇ مۇئەييەن بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەنلىكتۇر. [«المصباح المنير» (2/462)]
راغب ئەسفاھانى «مفردات القرآن» (625 – بەت) دا مۇنداق دېگەن: «پەتىۋا ـــ ھۆكمى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرگە بېرىلگەن جاۋابتۇر.»
مەردەۋىي «الإنصاف» (314/28)تا مۇنداق دېگەن: «مۇپتى (پەتىۋا بەرگۈچى) شەرئىي ھۆكۈمنى ئىجرا قىلماستىن بايان قىلغۇچى، ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرگۈچىدۇر. قازى بولسا شەرئىي ھۆكۈمنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئىجرا قىلغۇچىدۇر.»
ئىككىنچىدىن، سەئۇدىي سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقىل ئاپپاراتى (SADAI) «سۈنئىي ئەقىل»گە مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «بۇ سانلىق مەلۇمات توپلاشقا ھەمدە شۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كەلگۈسى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، تەۋسىيەلەرنى بېرىشكە ياكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئاپتوماتلىشىش ئارقىلىق قارار چىقىرىشقا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا مۇئەييەن نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەرتىپ ۋە مېتودنى تاللىيالايدىغان تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغان سىستېمىلاردۇر.» [نەقىل تۈگىدى]
سۈنئىي ئەقىل پەن – تېخنىكا، ئادىمىيەت ۋە ئىسلامىي ئىلىملەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن ساھەلەردە ئىنتايىن پايدىلىق زامانىۋى قورالدۇر. ئۇ باشقا ۋاسىتىلەرگە ئوخشاشلا، ئىسلامىي كۆرسەتمىلەرگە زىت بولمىغان يوسۇندا ئىشلىتىلىشى دۇرۇس بولغان ۋاسىتىدۇر. چۈنكى، (دۇنياۋى شەيئىلەرگە ئالاقىدار) ئۇللۇق پرىنسىپ شەيئىلەرنىڭ (ھاراملىقى ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈم بولمىغانلا تەقدىردە) ھالال ھېسابلىنىدىغانلىقىدۇر. ئىسلام شەرىئىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ۋە ئۇنى ئاشۇرۇشىغا؛ شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى يوقىتىشىغا ۋە ئازايتىشىغا ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلامىي كۆرسەتمىلەر كىشىلەرگە ماددىي – مەنىۋى مەنپەئەت ئەكېلىدىغان ھېچنەرسىنى چەكلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىسلام شەرىئىتى كىشىلەرگە دۇنيا – ئاخىرەتتە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنى چەكلەيدۇ. (ئەمما، بىر نەرسىدە كىچىككىنە پايدا بارلىقىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭدىكى تېخىمۇ چوڭ زىياننى كۆرمەسكە سالغان ھالدا، «بۇ نەرسە ئىسلامدا ھالال» دېيىش نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ «تېلېۋىزورنىڭ ھۆكمى» توغرىسىدىكى پەتىۋاسى بار تۆۋەندىكى ۋىدىيوغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز: تېلېۋىزور كۆرسەم بولامدۇ؟)
شۇ ۋەجىدىن، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان، بۇزۇقچىلىقنى يايىدىغان ياكى ئالدامچىلىق – قويمىچىلىققا چېتىلىدىغان ھارام ئىشلار ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىش ھارام. شۇنداقلا، سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەشىقلەندۈرۈشمۇ دۇرۇس ئەمەس.
بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئەقىلگە زىيادە باغلىنىپ قېلىشنىڭ ھەمدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۇنى ئىنساننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەرنى ۋە ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشقان.
سۈنئىي ئەقىلدىن پەتىۋا ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار كىشىلەر ئىسلامىي كۆرسەتمىلەرگە ۋە شەرئىي ھۆكۈملەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا كىرگۈزىدۇ ۋە كومپيۇتېر پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇنى مۇشۇ خۇسۇستا مەشىقلەندۈرىدۇ. ئاندىن بۇلار جەملىنىپ، خىلمۇخىل مەنبەلەردىن كەلگەن ۋە توغرىلىق دەرىجىسى ھەرخىل بولغان، ئىلىمنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە ئالاقىدار غايەت زور ئۇچۇر ئامبىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئاندىن جاۋابنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش جەريانى مۇرەككەپ تەرتىپ – پروگراممىلارغا تايانغان ھالدا ئىشقا كىرىشىدۇ – دە، مۇئەييەن يۇمشاق دېتاللاردىن سورالغان سوئاللارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن جاۋاب ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، شۇنىسى ئېنىقكى، پەتىۋا بېرىش ئىسلامدا تولىمۇ جىددىي بىر مەسىلىدۇر. چۈنكى، بۇ خۇددى ئاللاھ تەئالاغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۇنىڭ بەندىلىرىگە بايان قىلغانلىق، شۇنداقلا ھۆكۈملەرنى كىشىلەر دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرگە تەدبىقلىغانلىقتۇر. مۇئەييەن قابىلىيەتكە ئىگە بولغان، ئۆزىنى بۇ غايەت زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا لايىقلاشتۇرالايدىغان بىر قاتار شەرتلەرنى ۋۇجۇدىدا ھازىرلىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم (پەتىۋا بېرىشتىن ئىبارەت) بۇ جىددىي ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك. بۇ شەرتلەر «مۇسۇلمان بولۇش»، «قۇرامىغا يەتكەن بولۇش»، «ئەقلى – ھوشى جايىدا بولۇش»، «ئادالەتلىك بولۇش»، «شەرئىي ئىلىملەرنى بىلىش»، «چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى»، «رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەتىب باغدادىي رَحِمَهُ اللَّه «الفقيه والمتفقه»دا ئۆزىنىڭ ئىسنادى بىلەن رىۋايەت قىلىشىچە، ئىمام شافىئىي رَحِمَهُ اللَّه مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كىتابىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ناسىخ (ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) – مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى)لىرىنى؛ مۇھكەم – مۇتەشابىھلىرىنى؛ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ۋە ھاياتقا قانداق تەدبىقلىندىغانلىقىنى؛ قايسى ئايەتلەرنىڭ ھىجرەتتىن بۇرۇن، قايسى ئايەتلەرنىڭ ھىجرەتتىن كېيىن نازىل قىلىنغانلىقىنى؛ ئايەتلەردىن نېمە مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ۋە نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى ياخشى بىلگەنلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا پەتىۋا بېرىشى ھالال ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، پەتىۋا بەرگۈچى كىشى يەنە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ھەدىسلىرىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ناسىخ (ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) – مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى)لىرىنى ياخشى بىلىشى، قۇرئاننى قانداق ياخشى بىلگەن بولسا، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ھەدىسلىرىنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىشى كېرەك. پەتىۋا بەرگۈچى يەنە ئەرەب تىلىنى، ئەرەب شېئىرلىرىنى ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان باشقا ئىلىملەرنىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ئىنساپلىق، ئاز گەپ قىلىدىغان بولۇشى؛ ئوخشىمىغان رايوندىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدىكى پەرقلەردىن خەۋەردار بولۇشى؛ شۇنداقلا، ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشى لازىم.
پەقەت شۇنداق بولغاندا، كىشى ئاندىن ھالال – ھارام توغرىسىدا سۆز قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر ئەھۋال ئۇنداق بولمىسا، ئۇنىڭ ئىلىم ھەققىدە سۆز قىلىشى ۋە پەتىۋا بېرىشى دۇرۇس ئەمەس.» [نەقىل تۈگىدى]
ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رَحِمَهُ اللَّه «أعلام الموقعين عن رب العالمين» دېگەن ئەسىرىدە (189/1) مۇنداق دېگەن: «پەتىۋا بەرگۈچى ۋە قازى مۇنداق ئىككى خۇسۇسنى چۈشەنمىگۈچە توغرا پەتىۋا ۋە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ:
بىرىنچىدىن، ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىشى ۋە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار، ئالامەت – ئىشارەتلەر ئاساسىدا زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئۇلار رېئال تۇرمۇشتىكى ئاشۇ خىل يېڭى ئەھۋالدا زادى نېمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، يەنى ئاللاھ تەئالا ئۆز كىتابىدا ياكى ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق (سەھىھ ھەدىسلەردە) بېكىتكەن، ئاشۇ خىل يېڭى ئەھۋالغا تەدبىقلىنىدىغان ھۆكۈملەرنى چۈشىنىشى، ئاندىن ئاشۇ ھۆكۈمنى ئاشۇ يېڭى ئەھۋالغا تەدبىقلىشى كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، كىم مۇشۇ ئىككى خۇسۇستا چامىسىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يا قوش ئەجىرگە، ياكى بىر ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. (پەتىۋا بېرىشكە لاياقىتى توشىدىغان) ئالىم شۇنداق كىشىكى، ئۇ يېڭى ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ۋە شۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئارقىلىق، ئاللاھ تەئالانىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ شۇ ھەقتىكى ھۆكمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قادىر بولالايدۇ.
لېكىن، كىم شۇنىڭدىن باشقا يولغا كىرىپ قالسا، كىشىلەرنى ئۆز ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا پەتىۋاسىنى ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن ئەۋەتكەن (پاك، مۇكەممەل) ئىسلام شەرىئىتىگە نىسبەت بېرىدۇ.» (نەقىل تۈگىدى)
شۇنىسى مەلۇمكى، سۈنئىي ئەقىلنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىشى بەسىي مۈشكۈل. سۈنئىي ئەقىلگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراش ئۈچۈن، قايىل قىلارلىق شەرئىي سەۋەب يوق. ئەكسىچە، مەسىلىلەر ئىلىم ئەھلىگە، مۇتەخەسسىسلەرگە ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: {فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ} «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار!» [نەھل سۈرىسى 43 – ئايەت]
يېڭى بىر مەسىلىگە ياكى ئىسلامىي ھۆكمى ئۆزىگە نامەلۇم بولغان بىر ئىشقا دۇچ كەلگەن كىشى ھېكمەت ۋە ئىلىم ئەھلىگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. لېكىن، كىشى پەتىۋا بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدىغان بىرىدىن پەتىۋا سورىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشنى (يەنى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئىلىم ئەھلىدىن سوراش ۋەزىپىسىنى) ئورۇندىمىغان بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن، سۈنئىي ئەقىلدىن پەتىۋا سورش بىلەن ئىسلامىي تور بەتلەردىكى پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق شۇكى، مەزكۇر تور بەتلەردە پەتىۋا بېرىۋاتقانلار ـــ مەيلى مەلۇم بىر ئالىم ياكى بىر گۇرۇپ تەتقىقاتچىلار بولسۇن ـــ رېئال كىشىلەردۇر. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر تور بەتلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى پەقەت ئاشۇ پەتىۋالارنى تارقىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ پەتىۋالارنى (سەئۇدىي پەتىۋا كومىتېتى دېگەندەك) پەتىۋا بەرگۈچى ئورگانغا نىسبەت بېرىدۇ.
ئەگەر ئاشۇ ئورگان ئىشەنچلىك بولسا، ياكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن ئالىم ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ئادالىتى بىلەن تونۇلغان بولسا، شۇنداقلا بېرىلگەن پەتىۋانى سورالغان سوئالغا تەدبىقلىغىلى بولسا ھەمدە سوئال بىلەن پەتىۋانىڭ ئارىسىدا ئاشۇ پەتىۋانى ئىناۋەتسىز قىلغۇدەك دەرىجىدە پەرق بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پەتىۋاسىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ. سۈنئىي ئەقىلگە كەلسەك، ئۇ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىش قىلىشقا ۋە جاۋابقا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ تور بوشلۇقىغا يۈكلەنگەن بىلىم ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا، ئىستاتىستىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق مېتود ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان پروگراممىلارغا ۋە تېخنىكىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسلانغان ھالدا پەتىۋا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل ئىستاتىستىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق مېتودلار خىلمۇخىل سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مىقدارىدىكى پەرقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ئالىملارغا مەلۇملۇق بولغان، يەكۈننى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان مەنتىقىلىق مېتود ۋە قەدەم – باسقۇچلارغا بويسۇنمايدۇ.
بەشىنچىدىن، سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن بېرىلگەن جاۋابلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل مەسىلىلەر ۋە نۇقسانلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى سەۋەب:
سۈنئىي ئەقىل «پەتىۋا» چىقىرىشتا تايانغان مەنبەنىڭ نائېنىقلىقى. بۇ بىزنىڭ «پەتىۋا»دىكى مەزمۇنغا ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى، سۈنئىي ئەقىل پەقەت ئۆزىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەنلا جاۋاب بېرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھەرقانداق بىر مەسىلىدە سۈنئىي ئەقىلدىن سوئال سورالغاندا، ئۇ ئاشۇ سوئالغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى بارلىق تور بەتلەردىن، بارچە فورماتتىكى يازما ماتېرىياللار ئارىسىدىن، پايدىلانغىلى بولىدىغان ئاۋاز – ۋىدىيو ھۆججەتلىرىدىن، ئوخشىمىغان تىل ۋە مەنبەلەردىن، ھەتتا ئىسلامىي بولمىغان، ئازغۇن، بۇزۇق مەنبەلەردىنمۇ ئىزدەيدۇ.
ئىككىنچى سەۋەب:
سۈنئىي ئەقىل «ئۆرپ – ئادەتلەردىكى پەرق» قاتارلىق پەتىۋاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىدىغان شەيئىلەرنى نەزەرگە ئالمايدۇ. شۇنداقلا، چەكلىمىلەرنى، كۆرسەتمىلىك پرىنسىپلارنى، شەرتلەرنى ۋە ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سۈنئىي ئەقىل يەنە پەتىۋا سورىغۇچى كىشىلەرنىڭ ئىستىسنائىي ھۆكۈم چىقىرىشقا سەۋەب بولىدىغان پەرقلىق ئەھۋاللىرىنى؛ پايدا – زىياننى، تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ نەتىجە – ئاقىۋەتلىرىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. يۇقىرىقىلارنى پەقەت پەتىۋا سورىغان كىشى دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان، تەجرىبىلىك مۇپتىلارلا قىلالايدۇ.
شۇنىسى مەلۇمكى، شەرىئەت ھۆكۈملىرى مۇنداق ئىككى تۈرلۈكتۇر:
(1) شۇلارغا سەۋەب بولىدىغان ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئۆزگىرىشى مۇمكىن بولغان ھۆكۈملەر؛
(2) مۇقىم، ئۆزگەرمەس ھۆكۈملەر.
ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە «إغاثة اللهفان» دېگەن ئەسىرىدە (330/1) مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈملەر ئىككى تۈرلۈكتۇر. بىرىنچى تۈرلۈك ھۆكۈملەر زامان – ماكان ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزگەرمەي، بىرلا خىل ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ خىل ھۆكۈملەردە ئىجتىھادقا ئورۇن يوقتۇر. بۇ ھەرۋاقىت پەرز بولغان پەرز ئەمەللەرنى، ھەرۋاقىت ھارام بولغان ھارام ئىشلارنى، مۇئەييەن گۇناھلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەرئىي جازا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ھۆكۈملەردە ئۆزگىرىش ۋە ئىجتىھادقا ئورۇن يوقتۇر.
ئىككىنچى تۈرلۈك ھۆكۈملەر نېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا زامان – ماكان ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مۇئەييەن شەرئىي جازا ياكى كەففارەت بېكىتىلمىگەن، تەئزىر (ئەدەپلەش) جازاسىنىڭ مىقدارى، تۈرى ۋە سۈپىتىگە ئوخشاش. چۈنكى، نېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە بىنائەن، بۇ جەھەتتىكى ئىسلامىي ھۆكۈملەرمۇ ئۆزگىرىدۇ.» [نەقىل تۈگىدى]
زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان ھۆكۈملەر مۇنداق ئىككى سۈپەتكە ئىگە بولۇپ، ئەگەر بىر ھۆكۈمدە بۇ ئىككى سۈپەتنىڭ ئىككىلىسى ياكى بىرى كەم بولسا، ئۇ ئۆزگىرىدىغان ھۆكۈم دەپ قارالماستىن، مۇقىم ھۆكۈم دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئىككى سۈپەت تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى سۈپەت: ھۆكۈم ئىجتىھاد قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىگە ئالاقىدار بولۇشى كېرەك. يەنى ھەم ئىشەنچىلىكلىك، ھەم دالالەت جەھەتتە، ئۆزى ھەققىدە ئوچۇق، قەتئىي دەلىللەر بار بولغان ھۆكۈملەر بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.
دوكتور مۇھەممەد زەھىيلى ئۆزىنىڭ «القواعد الفقهية وتطبيقاتها في المذاهب الأربعة» (فىقھى قائىدىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۆت مەزھەپتىكى تەدبىقلىنىش ئەھۋاللىرى) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «مەزھەپلەر شۇ خۇسۇستا ئىتتىپاققا كەلگەنكى، زاماننىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ خۇلقلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان ھۆكۈملەر قىياسقا ۋە نېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئاساسلىنىدىغان ئىجتىھادىي ھۆكۈملەردۇر. بۇ خىل ھۆكۈملەر ھازىرقى زامانغا ۋە كىشىلەرنىڭ ھازىرقى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھۆكۈمنىڭ ئۆزگىرىشى زۆرۈر بولىدۇ.»
ئىككىنچى سۈپەت: ئۇ چوقۇم (ئوچۇق قۇرئان – سۈننەت دەلىللىرىنى ئەمەس، بەلكى) ئۆرپ – ئادەتنى، ياكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە قىياسنى ئاساس قىلغان ھۆكۈملەر بولۇشى كېرەك.
شەيخ ئەھمەد زەرقا «شرح القواعد الفقهية» (فىقھى قائىدىلەرنىڭ شەرھى)دا (277 – بەت) مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈملەرنىڭ زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە، يەنى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى غەيرىي ئەھۋال ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى مۇپتىنىڭ مۇئەييەن ھۆكۈمنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ئۆزگەرگەن بولسا، ئۇنداقتا ھۆكۈمنىڭمۇ يېڭى ئۆرپ – ئادەتكە ماس ھالدا ئۆزگىرىشى كېرەك بولىدۇ.»
ئۈچىنچى سەۋەب:
سۈنئىي ئەقىل ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان خاتا ئۇچۇر ۋە توقۇلما بايانلارنى كىشىلەرگە خۇددى توغرا، راست ئۇچۇرلاردەك سۇنىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار توغرا ۋە ئوبيېكتىپتەك كۆرۈنىدىغان ئىسىم، سان – سىفىر ۋە سىتاتىستىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچۇرلار توقۇلما بولۇپ، تور بەت ياكى باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدە مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ «سۈنئىي ئەقىل فانتازىيەسى» (AI hallucination) دېيىلگەن ھادىسە شۇ.
سۈنئىي ئەقىلدىن سورالغان سوئالدىكى ـــ شۇ سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋابقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ـــ بەزى سۆز – ئىبارىلەرنى ئۆزگەرتكەندە، سۈنئىي ئەقىلنىڭ شۇ مەسىلە توغرىسىدىكى «كۆز قارىشى»مۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
تۆتىنچى سەۋەب:
سۈنئىي ئەقىلنى باشقۇرغۇچى خادىملار سۈنئىي ئەقىل قورالىنى مەشىقلەندۈرگەندە، ئۇنىڭغا دەسلىپىدىن تارتىپلا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش ۋە پرىنسىپلارنى سىڭدۈرۈۋېتىشى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ پىكىر، ئائىلە، ئەقىدە ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىسلامىي كۆرسەتمىلەرگە زىت بولغان مۇئەييەن ئىدىيە – ئۇقۇملارنى ياقىلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، بۇ خىل ئېغىش شۇ مەسىلىلەرگە ئالاقىدار جاۋابلارغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
سۈنئىي ئەقىلنىڭ مۇشۇ خىل خۇسۇسىيەت ۋە ئىللەتلىرى بار بولغاچقا، كىشى ئۆز ھاياتىدا رىئايە قىلىدىغان نىزاملار بولغان پەتىۋا ۋە شەرئىي ھۆكۈم جەھەتتە سۈنئىي ئەقىلگە تايىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىسلامىي كۆرسەتمىلەرگە بىنائەن قوبۇل قىلىنىدىغان پەتىۋا بېرىش شەرتلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىمىغان.
