بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» ئامېرىكا «دۆلەتلىك بىيوتېخنىكىسى ئۇچۇرلىرى مەركىزى»دىن (The National Center for Biotechnology Information) تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.
ئارىمىزدا دىيابىت (شېكەر كېسىلى) ۋابا كەبى يامراۋاتقان ۋەزىيەتتە، تور بېتىمىز ئىلمىي ۋە نوپۇزلۇق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، دىيابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمىنى خەلقىمىز پايدىلىنالايدىغان تەرزدە چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىدى.
دىيابىت بىزگە ناتونۇش كېسەللىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى، پەيدا بولغاندىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش زۆرۈرلۈكى ھەققىدە، بولۇپمۇ بۇ كېسەلگە ئالاقىدار ئەڭ ھالقىلىق ئۇقۇملاردىن بىرى بولغان «ئىنسۇلىن قارشىلىقى» ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىقتۇر. شۇ ۋەجىدىن، مەزكۇر ماقالە ئۇشبۇ «ئىنسۇلىن قارشىلىقى»نى چۆرىدىگەن ھالدا، ئالاقىدار زۆرۈر نۇقتىلارنى يورۇتۇشقا تىرىشىدۇ.
ئىنسۇلىن يېمەكلىكلەرنىڭ ئېنېرگىيەگە ئايلىنىشىغا ياردەم قىلىدىغان مۇھىم ھورمون بولۇپ، بەدەن ھۈجەيرىلىرى ئىنسۇلىنغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرالماس بولۇپ قالغاندا «ئىنسۇلىن قارشىلىقى» (Insulin resistance) كېلىپ چىقىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا: سىز تاماق يېگەندە، بەدىنىڭىز يېمەكلىكلەرنى قاندىكى گىلۇكوزىغا (يەنى شېكەرگە) ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن ئاشقان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئىنسۇلىن گويا بىر ئاچقۇچقا ئوخشاش، (ئاساسلىقى مۇسكۇللاردىكى، جىگەردىكى ۋە مايدىكى) ھۈجەيرىلەرنى ئېچىپ، گىلۇكوزىنىڭ ھۈجەيرىلەرگە كىرىپ، ئېنېرگىيە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.
مەسىلە كۆرۈلگەندە: ئىنسۇلىن قارشىلىقى مەيدانغا كەلگەندە، ھۈجەيرىلىرىڭىز«توسۇلۇپ» قالىدۇ. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ھۈجەيرىلەردە زىيادە كۆپ ماي بولغانلىقتىن ياكى يۇقىرى كالورىيلىق تاماق يېگەنلىكتىن بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھۈجەيرىلەرنىڭ قۇلۇپى «داتلىشىپ» كېتىدۇ – دە، ئىنسۇلىندىن ئىبارەت ئاچقۇچ ھۈجەيرىلەرنى ئاسانلىقچە ئاچالمايدۇ.
نەتىجىدە:
(بەدەننىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان) گىلۇكوزا ھۈجەيرىلەرگە كىرەلمىگەچكە، قېنىڭىزدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاندىن بەدىنىڭىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش (يەنى قېنىڭىزدىكى شېكەرلەرنى ھۈجەيرىلەرگە كىرگۈزۈش) ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
قاندىكى ئىنسۇلىن مىقدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىگە كالورىي مىقدارىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشى قوشۇلۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ داۋاملىق تۈردە مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندىكى بۇ ئارتۇقچە مايلار ھورمون سەۋىيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، لېپتىن قارشىلىقىغا (leptin resistance) سەۋەب بولىدۇ.
لېپتىن مېڭىڭىزگە «مەن تويدۇم، ئەمدى يېيىشنى توختات!» دېگەن سىگنالنى يوللايدىغان ھورموندۇر (بەدەننى بۇ قەدەر مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھ بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئەڭ كاتتىدۇر، ئەڭ ئۇلۇغدۇر).
لېپتىن قارشىلىقى مەيدانغا كەلگەندە، مېڭە بۇ سىگنالغا قارشى «گاس» بولۇپ قېلىپ، خاتا ھالدا بەدەننى ھېلىھەم ئاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ھەددىدىن زىيادە ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تاماق يېيىشكە، يۇقىرى كالورىيلىق تاماقلارغا تەلپۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ – دە، مەزكۇر ناچار ئايلىنىش مۇشۇ تەرزدە داۋاملىشىۋېرىدۇ.
ئىنكاسلىق قان شېكىرى تۆۋەنلەش ھادىسىسى (Reactive Hypoglycemia):
شېكەر مىقدارى مول تاماق يېگەندىن كېيىن، قان شېكىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ – دە، ئاشقازان ئاستى بېزى جىددىيلىشىپ، زور مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. قاندىكى ئىنسۇلىن مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن، قاندىكى شېكەر بىردەمدىلا قاندىن مۇسكۇل، جىگەر ۋە ماي ھۈجەيرىلىرىگە چىقىرىۋېتىلىدۇ. نەتىجىدە، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن بەش سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا قان شېكىرى نورمال سەۋىيەنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ، تۇيۇقسىز ئېچىرقاپ كېتىش، تىترەپ كېتىش ياكى باش قېيىش قاتارلىقىلارغا سەۋەب بولىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، (ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا مەسئۇل ئەزايىمىز بولغان) ئاشقازان ئاستى بېزى بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيەسىنى ساقلاشقا كۈچەۋەرگەنلىكتىن چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەر؟
1. خاتا ئورۇنلارغا يىغىلىپ قالغان مايلار ۋە تاماقنى كۆپ يېيىش: بەدىنىڭىز موھتاج بولغاندىن ئارتۇق كالورىي ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شېكەر (ئاق ئۇن، ئاق گۈرۈچ، شۇنداقلا تاللا بازارلىرىدىكى خالتىلىق يېمەكلىكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ت) ئىستېمال قىلسىڭىز، بەدىنىڭىزدىكى ماي يىغىلماسلىقى كېرەك بولغان، جىگەر ۋە مۇسكۇل قاتارلىق ئورۇنلارغا ئارتۇقچە ماي يىغىلىپ قالىدۇ.
2. ھەرىكەتسىزلىك: جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ يېتەرسىز بولۇشى مۇسكۇلنىڭ گىلوكوزىغا بولغان تەلىپىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
3. ئىرسىيەت ۋە دورىلار: ئىرسىيەت، شۇنداقلا مۇئەييەن دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشمۇ ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا سەۋەب بولالايدۇ.
بۇ مەسىلە نېمە ئۈچۈن بۇنچە مۇھىم؟
دەسلەپتە، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ. لېكىن، ئىنسۇلىن قارشىلىقى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا ئۇزۇن مەزگىل كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، تۆۋەندىكىلەرگە سەۋەب بولالايدۇ:
1. ئىككىنچى تىپلىق دىيابىت (قان شېكىرى) كېسىلى (Type 2 Diabetes).
2. جىگەرنى ماي قاپلاش (Fatty Liver Disease).
3. يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى (Heart Disease & High Blood Pressure).
4. كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Polycystic Ovary Syndrome ـــ بۇ تۇغماسلىق مەسىلىسى يوق ئاياللارنىمۇ تۇغۇش ئىمكانىيىتىدىن ئۆتكۈنچى مەھرۇم قىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شېكەرنى تىزگىنلەش قاتارلىق شەكىللەردە بۇ كېسەللىك ساقايتىلسا، ئاياللار يەنىلا پەرزەنت كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ت)
5. تېرىگە قارامتۇل كۈلرەڭ داغ چۈشۈش كېسىلى (Acanthosis Nigricans)
بۇنى قانداق ساقايتىمىز ياكى تىزگىنلەيمىز؟
ئىنسۇلىن قارشىلىقى (تۇغما ئەمەس) كېيىن شەكىللەنگەن كېسەللىك (acquired condition) بولۇپ، بۇ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەزكۇر كېسەلنى داۋالاشتا زور ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ:
1. يېمەك – ئىچمەك ئادىتىڭىزنى تەڭشەڭ: كالورىي مىقدارىنى ئازايتىڭ. قاتمۇقات پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يۇقىرى شېكەرلىك يېمەكلىكلەر بەدىنىڭىزدە زور مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
2. ھەرىكەت قىلىڭ: قەرەللىك چېنىقىش (مەسىلەن، كۈندە مېڭىپ بېرىش) بەدەندىكى ئارتۇقچە شېكەرنى يوقىتىپ، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىڭىزنى قايتىدىن ئىنسۇلىنغا قارىتا سەزگۈرلەشتۈرىدۇ.
3. زۆرۈر بولغاندا داۋالىنىڭ: مۇئەييەن دورىلار (شۇنداقلا، زىيادە سېمىزلىك بار ئەھۋالدا ماي ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش) بەدىنىڭىزنىڭ ئىنسۇلىندىن پايدىلىنىش ۋە قان شېكىرى سەۋىيەسىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ماقالىنىڭ ئەسلى ئۇلانمىسى:
https://www.ncbi.nlm.nih.gov/books/NBK507839/
