سەبىرنىڭ ئېنىقلمىسى ۋە تۈرلىرى

ئەللامە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» دېگەن ئەسىرىنىڭ «سەبىر» بابىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

«الصبر»نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» بولۇپ، شەرئىي مەنە جەھەتتە، تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، يەنى سەبىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ:

1. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا سەبىر قىلىش.
2. ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتا سەبىر قىلىش.
3. ئاللاھ تەقدىر قىلغان (ئاغرىق – سىلاق، ئۆلۈم – يېتىم ۋەھاكازا) مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىشتۇر.

1. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا سەبىر قىلىش.
چۈنكى ئىتائەت ۋە ئىبادەت كىشىگە ئېغىر كېلىدۇ. ئىبادەت بەزىدە بەدەنگە ئېغىر كېلىدۇ. گاھىدا ئىنسان ھارمىسىمۇ ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى جايىدا بولسىمۇ ئىبادەت قىلىشنى خالىمايدۇ. يەنە بەزىدە زاكات، ھەج مەسىلىلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئىبادەت ئىنسانغا ماددىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر كېلىدۇ.

خۇلاسە كالام، ئىبادەتلەر ئىنساننىڭ نەپسىگە ۋە بەدىنىگە ئېغىر كېلىدۇ ھەمدە ئىنسان سەبىر قىلىشقا، نەپسىنى (ئىبادەتكە) زورلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ:«ئى مۇئمىنلەر! تائەت – ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبىر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار» ئال ئىمران سۈرىسى 200 – ئايەت.

2. ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتا سەبىر قىلىش.

بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەردىن چەكلىشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى يامانلىققا بۇيرۇغۇچى نەپىس (النَّفْسِ ‌الْأَمَّارَةِ ‌بِالسُّوءِ) ئىنساننى يامانلىققا چاقىرىدۇ. (سەبىر قىلغۇچى) ئىنسان بولسا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، بۇ يامانلىقلارنى قىلمايدۇ. بۇ يامانلىقلار يالغان سۆزلەش، سودا – سېتىقتىكى ئالدامچىلىق، ئۆسۈم – جازانىگە ئوخشاش يوللار بىلەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى ناھەق يەۋېلىش، زىنا، ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق ۋە باشقا بارلىق گۇناھلاردۇر. ئىنسان بۇ گۇناھلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن سەبىر قىلىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىدىن ھاۋايى ھەۋىسىگە چەك قويۇپ مۇجادىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. ئاللاھ تەقدىر قىلغان مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش

چۈنكى ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن تەقدىرنىڭ بىر قىسمى كىشى خالايدىغان شەكىلدە، يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇنىڭغا دەرت – ئەلەم بېرىدىغان شەكىلدە بولىدۇ. ئىنسان تەقدىرنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلگەن قىسىمغا شۈكۈر قىلىشى كېرەك بولىدۇ. شۈكۈر قىلىشمۇ ئىبادەتلەردىندۇر.

تەقدىرنىڭ كىشىگە دەرت – ئەلەم بېرىدىغان قىسمى بولسا، كىشىنىڭ ئارزۇلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان قىسمىدۇر. ئىنسان بەدىنى جەھەتتىن سىنىلىدۇ، مېلىنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن سىنىلىدۇ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت جەھەتتىن سىنىلىدۇ. خۇلاسە، سىناقنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر. بۇلارغا قارىتا سەبىر ۋە مۇجادىلە قىلىش كېرەك بولىدۇ. سەبىر قىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنى ئاللاھ ھارام قىلغان تىل، قەلب ۋە باشقا ئەزالىرى بىلەن شىكايەت قىلىشتىن، ۋايساشتىن چەكلەيدۇ.