تەپسىر سەئىدى | «ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار» ئايىتىنىڭ تەپسىرى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ}

«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار» [مائىدە سۈرىسى 1 – ئايەت]

بۇ ئايەت «تەپسىر سەئىدى»دە مۇنداق تەپسىرلەنگەن:

بۇ بۇيرۇقتا ئاللاھ تەئالا مۇئمىن بەندىلىرىگە ئىماننىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىشنى، يەنى ئۇلارنى قۇسۇرسىز رەۋىشتە ئادا قىلىشنى، لايىقىدا تاماملاشنى ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلماسلىقنى بۇيرۇماقتا. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بۇيرۇقنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ:

(1) بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى، بەندىچىلىكنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىش ۋە بەندىچىلىك مەجبۇرىيەتلىرىدىن ھېچبىرىنى كېمەيتىۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى ئەھدە.

(2) بەندە بىلەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ ئارىسىدىكى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىش (يەنى ئۇنىڭ يولىغا چىڭ يېپىشىش، دىندا بىدئەت پەيدا قىلماسلىق) توغرىسىدىكى ئەھدە.

(3) بەندە بىلەن ئۆز ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزمەسلىك توغرىسىدىكى ئەھدە.

(4) بەندە بىلەن دوستلىرى ئارىسىدىكى، مەيلى بايلىق ياكى نامراتچىلىقتا؛ مەيلى مۈشكۈللۈك ياكى ئاسانچىلىقتا، دوستلۇق ھەقلىرىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى ئەھدە.

(5) بەندە بىلەن باشقا ئىنسانلار ئارىسىدىكى، ئېلىم – سېتىم، ئىجارە ئېلىش – بېرىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سودا ئەھدىلىرى، شۇنداقلا سوۋغا – سالاملىشىش توغرىسىدىكى ئەھدە.

(6) ھەتتا، ئاللاھ تەئالانىڭ «ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر» دېگەن سۆزىگە بىنائەن، مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئەھدىلەشكەن، ھەق ئۈستىدە ئۆزئارا ياردەملىشىش، مۇسۇلمانلارئارا ئۈلپەتلىشىش – ئارىلىشىش، مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزمەسلىك قاتارلىق ھەقلەرنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئەھدە – ۋەدىلەرمۇ مۇشۇ بۇيرۇقنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

دېمەك، بۇ بۇيرۇق دىننىڭ ھەم ئۇللۇق، ھەم شاخچە مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەئالا ۋاپا قىلىشقا بۇيرۇغان ئەھدىلەرنىڭ قاتارىدىدۇر.