ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەتىۋا ۋە ماقالىلەر مەجمۇئەسى» 9 – توم 400 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
مۇئمىننىڭ ئۆز دىنىنى ئۆگىنىشى، ياخشى چۈشىنىشى ۋە بىلمىگەنلىرىنى ئىلىم ئەھلىدىن سورىشى پەرزدۇر. بۇ ھەقتە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇنداق دەيدۇ: {فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ} «ئەگەر بىلمىسەڭلار، زىكىر ئەھلىدىن (يەنى ئالىملاردىن) سوراڭلار» [نەھل سۈرىسى 43 – ئايەت].
پەيغەمبەر عليه الصلاة والسلام نىڭ بىلىمسىز پەتىۋا بەرگەن بىر گۇرۇھ كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «أَلَا سَأَلُوا إِذْ لَمْ يَعْلَمُوا فَإِنَّمَا شِفَاءُ الْعِيِّ السُّؤَالُ» «ئۇلار بىلمىگەن بولسا نېمىشقا سورىمىدى؟ بىلىمسىزلىكنىڭ داۋاسى سوراشتۇر» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد (336) رىۋايەت قىلغان، ھەسەن].
پەيغەمبەر عليه الصلاة والسلام يەنە مۇنداق دېگەن: «مَنْ يُرِدِ اللَّهُ بِهِ خَيْرًا يُفَقِّهْهُ فِي الدِّينِ» «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىننى ياخشى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم تەڭ رىۋايەت قىلغان]
مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ دىندا ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، ئۆزىگە مۈجمەل بولغان مەسىلىلەرنى سورىشى، (بىلمىگىنىنى سورىماستىن) نادان ھالەتتە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالماسلىقى، (قۇرئان – سۈننەت ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەسلىكى ۋە غەپلەتتە قالماسلىقى پەرزدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. بۇنى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشنى) پەقەت دىنىي ئىلىم ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىلىم غەپلەت ۋە (ئۆگىنىشتىن) يۈز ئۆرۈش بىلەن ھاسىل بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئىلىم ئەھلىدىن سوراش ئارقىلىق نادانلىقنى تۈگىتىش زۆرۈردۇر.
پەتىۋانىڭ ئەسلى تېكىستى:
والواجب على المؤمن أن يتعلم ويتفقه في الدين ويسأل أهل العلم، كما قال الله سبحانه: {فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ} ويروى عنه عليه الصلاة والسلام أنه قال لقوم أفتوا بغير علم: «ألا سألوا إذ لم يعلموا إنما شفاء العي السؤال»
وقال عليه الصلاة والسلام: «من يرد الله به خيرا يفقهه في الدين»
فالواجب على الرجال والنساء من المسلمين التفقه في الدين؛ والسؤال عما أشكل عليهم، وعدم السكوت على الجهل، وعدم الإعراض، وعدم الغفلة؛ لأنهم خلقوا ليعبدوا الله ويطيعوه سبحانه وتعالى ولا سبيل إلى ذلك إلا بالعلم، والعلم لا يحصل بالغفلة والإعراض؛ بل لا بد من طلب للعلم، ولا بد من السؤال لأهل العلم حتى يتعلم الجاهل.
