ئىمام بىن باز | ناماز ئوقۇۋاتقاندا چۈشكۈرگەن كىشى «الحمد الله» دەمدۇ؟

سوئال: ناماز ئوقۇۋاتقاندا چۈشكۈرگەن كىشى ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟

ئىمام بىن بازنىڭ جاۋابى:

شۇنداق، تەلەپپۇز بىلەن (يەنى قەلبىدە ئەمەس، تىلىنى مىدىرىتىپ) ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر ﷺ نىڭ بىراۋنىڭ نامازدا چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئېيتقانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەنلىكى سابىتتۇر: «مەن مۇنچىلىك – مۇنچىلىك پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنى يېزىشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆردۈم» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان. بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. چۈنكى ھەمدۇ – سانا ئېيتىش نامازنىڭ ئەمەللىرى بىلەن ئوخشاش تۈردىندۇر. شۇڭا (نامازدا) چۈشكۈرگەندە ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئېيتىش سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.

سورىغۇچى: ناماز ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ شۇنداق قىلامدۇ؟

شەيخ: شۇنداق.

سورىغۇچى: ئۇنداقتا (ھەمدۇ – سانانى ئاڭلىغان باشقىلار) ئۇنىڭغا «يەرھەمۇكەللاھ» دەمدۇ، ياقمۇ؟

شەيخ: ياق، «يەرھەمۇكەللاھ» دېمەيدۇ. چۈنكى «يەرھەمۇكەللاھ» دېيىش ئىنسانلارنىڭ سۆزىدۇر، ئۇنىڭدا «ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن» دېگەن خىتاب بار. بۇ ئىنسانلارنىڭ سۆزى بولغاچقا، (نامازدا «الحمد الله» دېگەن ئادەم ئۈچۈن) «يەرھەمۇكەللاھ» دېيىشكە بولمايدۇ. ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى «يەرھەمۇكەللاھ» دېمەيدۇ.

سورىغۇچى: ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئىلىملىرىدىن مەنپەئەتلەندۈرسۇن.