ئىمام بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 22352 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: بىر ئادەم نامازغا كەلگەندە بىرىنچى سەپ بوش بولسا، تۆۋەندىكى ئورۇنلارنىڭ قايسىسى (ئۇنىڭ ئۈچۈن) ئەڭ ياخشى؟ ئىمامنىڭ ئارقىسىمۇ، ئوڭ تەرىپىمۇ ياكى سول تەرىپىمۇ؟
ئىمام بىن بازنىڭ جاۋابى:
ئەگەر ئىمامنىڭ كەينىدە ئورۇن بار بولسا، بۇ سەپنىڭ ئەسلىدۇر. ئەگەر ئوڭ ياكى سول تەرەپتە ئوخشاشلا ئورۇن بار بولسا، ئوڭ تەرەپ ئەۋزەلراق. ئەمما ئىمامنىڭ كەينى مەركەز بولغاچقا، روشەن بولغىنى شۇكى، ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرۇش ئەڭ ياخشىدۇر؛ چۈنكى، ئۇ (بىرىنچى سەپتە ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرسا) باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن، سەپنىڭ ئەسلى ئورنىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ.
سوئال: ئەگەر بىراۋ سەپنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدە بولسا، ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان بىر ياشانغان كىشى بار بولسا، ئاندىن (پەرز) ناماز باشلانغاندا، ئاشۇ ياشانغان كىشى بىلەن سەپتىكى قالغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بوشلۇق قالغان بولسا، ئۇ كىشى ياشانغان كىشىنى تاشلاپ قويۇپ، سەپنى تولدۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى ئاشۇ ياشانغان كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى سەپ ئەڭ ياخشى، ھەر سەپنىڭ ئوڭ تەرىپى (سول تەرىپىدىن) ياخشىراق.
سوئال: (پەرز نامازغا تۇرۇش ئۈچۈن) سەپلەر تۈزەلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ياشانغان كىشىنىڭ ئارىسىدا بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالسىچۇ؟
جاۋاب: بوشلۇق تولدۇرۇلۇشى كېرەك.
سوئال: ھېلىقى ياشانغان كىشىنى يالغۇز ناماز ئوقۇشقا قالدۇرۇپ قويامدۇ؟
جاۋاب: ئۇنىڭدىن بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن (سەپتىكى قالغان جامائەتكە) يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
