ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 223305 – نومۇرلۇق سوئال.
«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
بارچە ھەمدۇ – سانا اللە قا خاستۇر.
مۇسۇلمان نامازغا تۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ زات ـــ الله تعالى نىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە اللە نىڭ ئۆزىنى نامازدا قانداق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
ئەللامە ئىبن قەييىم (اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) بۇ خۇسۇستا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەرقانداق بەندە ئىككى ئورۇندا، يەنى نامازدا ۋە قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا اللە نىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىدۇ. كىمكى بىرىنچى ئورۇندا (يەنى نامازدا) خۇشۇئ – ئەيمىنىش بىلەن تۇرسا، ئىككىنچى ئورۇن (قىيامەت) دىكى تۇرۇش ئۇنىڭغا ئاسان قىلىنىدۇ؛ كىم بىرىنچى ئورۇن (ناماز)دا خۇشياقماسلىق – ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرىدىكەن، ئىككىنچى ئورۇن (قىيامەت) دىكى تۇرۇش ئۇنىڭغا تەسلەشتۈرۈلىدۇ» «فەۋائىد» 200 – بەتتىن ئېلىندى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمان ناماز ئوقۇۋاتقاندا نامازغا ئالاقىسىز ھەرقانداق نەرسىنى خىيال قىلماستىن، پۈتۈن دىققىتىنى نامازغا مەركەزلەشتۈرۈشى، الله تعالى غا تۆۋەنچىلىك – تەۋازۇ كۆرسىتىشى كېرەك. إن شاء الله، تۆۋەندىكى چارىلەر ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتىش مۇمكىن:
1.ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ – كاتتا الله تعالى نىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك.
2. الله تعالى نىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆزىگە قارايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.
3. الله تعالى نىڭ (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇق، مۇكەممەللىكىگە لايىق رەۋىشتە) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم (اللە ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر (اللە ئاتا- بالا ئىككىسىدىن رازى بولسۇن)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ﷺ مەسجىدنىڭ قىبلە تەرەپتىكى تېمىدا بەلغەمنى كۆرۈپ ئۇنى ئېلىۋەتتى ۋە: «سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئالدى تەرەپكە تۈكۈرمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقاندا الله تعالى ئۇنىڭ ئالدىدا بولىدۇ» دېگەن [سەھىھۇل بۇخارى 406 – ھەدىس ۋە سەھىھۇل مۇسلىم 547 – ھەدىس]
5. نامازنى ئىمكانقەدەر مۇكەممەل ئوقۇشقا، ئۇنىڭ ساۋابىدىن ھېچنەرسىنىڭ كەملەپ كەتمەسلىكىگە ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئەممار ئىبنى ياسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «بىر كىشى نامازدىن قايتىدۇ-يۇ، ئوقۇغان نامىزى (نىڭ سـاۋابى)دىن پەقەت ئوندىن بىرى، توققۇزدىن بىرى، سـەككىزدىن بىـرى، يەتتىـدىن بىرى، ئالتىدىن بىـرى، بەشـتىن بىـرى، تـۆتتىن بىـرى، ئـۈچتىن بىـرى ياكى يېرىمى قالىدۇ» [مۇسنەد ئەھمەد 18415 – ھەدىس؛ شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل جامى (1626 – ھەدىس)دا ھەسەن دەپ باھالىغان].
6. نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر ۋە زىكىرلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش كېرەك. چۈنكى، بۇ نامازدا دىققەتنى يىغىپ خۇشۇئ ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىلىرىدىن بىرى. [بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق].
7. ناماز ئوقۇلىدىغان جايدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سۈرەت – نەقىش، شاۋقۇن – سۈرەن، بولۇپمۇ ھارام، چىركىن ناخشا – مۇزىكىلار بولماسلىقى كېرەك.
8. نامازدا مەيلى قەلب، مەيلى كۆز بولسۇن، قالايمىقان ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئائىشە ئانىمىز (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولغاي)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن نامازدا ئۇيان – بۇيانغا قاراشنىڭ ھۆكمى توغرىلىق سورىۋىدىم، ئۇ: «بۇ شەيتاننىڭ كىشىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىشىدۇر» دېدى. [سەھىھۇل بۇخارى 751 – ھەدىس].
يەنە بىر ھەدىستە: «بەندە (نامازدا) ئۇياق – بۇياققا قارىمايلا تۇرسا، اللە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا نامازدا ئۇياق – بۇياققا قارىما» دېيىلگەن [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھۇل جامى (1724) دا سەھىھ دەپ باھالىغان].
ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«نامازدا ئۇياق – بۇياققا قاراش ئىككى تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچىسى، قەلبنىڭ باشقا خىياللار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، اللە سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى ئۇنتۇشى.
ئىككىنچىسى، كۆزنىڭ ئۇياق – بۇياققا قارىشى.
بۇ ئىككىلىسى چەكلەنگەن.
بەندە نامازدا دىققىتىنى يىغىپلا تۇرسا، اللە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بەندىنىڭ خىيالى باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولسا ياكى كۆزى ئۇياق – بۇياقلارغا قارىسا، اللە مۇ ئۇنىڭدىن بۇرىلىپ كېتىدۇ» [الوابل الصيب 20 – بەت]
9. بەندە نامازدا ئۆلۈمنى ئەسلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ۋىدالىشىش نامىزىنى ئوقۇۋاتقاندەك، يەنى شۇ نامىزى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامىزى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىشى كېرەك.
دەيلەمى «مسند الفردوس» تە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ناماز ئوقۇغاندا ئۆلۈمنى ئەسلە. چۈنكى، بىراۋ نامازدا ئۆلۈمنى ئەسلىسە، نامىزىنى كامىل ئوقۇشقا تىرىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نامىزىنى ئوقۇۋاتقان ئادەمدەك ناماز ئوقۇ، سېنى ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر قىلىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلان» [ھافىز شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ «المقاصد الحسنة» تە ھەسەن دەپ باھالىغان؛ شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل جامى (849) دا ھەسەن دەپ باھالىغان].
ئەگەر ئىنسان يۇقىرىقىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىسا، ئىنشااللە نامازدا ھېچنەرسە ئۇنىڭ دىققىتىنى چاچالمايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتى نامازغا مەركەزلىشىپ، ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا ھۇزۇرغا ئايلىنىدۇ، ئۇ ھەرزامان ناماز ئوقۇشقا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى ئەرەب بولمىسا، شۇنداقلا نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەرنىڭ، زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىسە، ئۇ نامازنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئوقۇپ، ساۋابنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش مەقسىتىدە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئەرەبچە ئۆگىنىشى كېرەك.
اللە ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
