پەتىۋالىرى 16 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلىدىغان، دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى»دىكى 21984 – نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: شۇنىسى مەلۇمكى، ئىمامنىڭ سۇترىسى ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان جامائەت ئۈچۈنمۇ سۇترە (توسۇق) ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۇترىسى نامازنىڭ كېيىنكى رەكئەتلىرىگە (مەسىلەن، 2-، 3- ياكى 4 – رەكئەتلىرىگە) ئۈلگۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈنمۇ سۇترە ھېسابلىنامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ باشقا سۇترىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟ مەن بەزى كىشىلەرنىڭ نامازغا كېيىن يېتىشكەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ناماز ئوقۇۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلەرنى توسىمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئىمام سالام بېرىپ نامازنى تۈگەتكەن ھەمدە نامازغا كېيىنكى رەكئەتلەردە يېتىشكەن كىشىلەر نامازنىڭ كەم قالغان قىسمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئۇ ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنى توسۇشى كېرەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى توسمىغانلىقى ئۇلارنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. ياكى ئۇلار بۇ مەسىلىنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار جامائەت نامىزىغا يېتىشكەنلىكى ئۈچۈن، (ئىمام سالام بېرىپ نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن) ئىمامغا ئەگەشمەستىن ئۆز ئالدىغا ناماز ئوقۇۋاتقاندىمۇ، ئۆزىنى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ھۆكمىدە دەپ ئويلىۋېلىشى مۇمكىن. لېكىن، نامازغا كېيىن يېتىشكەن كىشى، (ئىمام سالام بېرىپ نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن) نامازنىڭ قالغان قىسمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىنى توسۇشى كېرەك.
