سۈت ئېمىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلار پەرىشتىلەرنى ۋە جىنلارنى كۆرەلەمدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 473586 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: بالىلار پەرىشتىلەرنى ۋە جىنلارنى كۆرەمدۇ؟
ئەگەر سۈت ئېمىش مەزگىلىدىكى بوۋاق ئۆي ئىچىدىكى قۇرۇق بوشلۇققا قاراپ كۈلسە، بۇ ئۇنىڭ پەرىشتىنى كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئالدى بىلەن:
پەرىشتىلەرنى ئاللاھ ئۇلارنى ياراتقان ھەقىقىي ھالىتىدىن باشقا بىر ھالەتتە كۆرۈش مۇمكىن. شۇنىسى ئىسپاتلانغانكى، بىر قانچىلىغان ساھابە پەرىشتىلەرنى ئىنسان سۈرىتىدە كۆرگەن. شۇنداقلا بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ پەرىشتىلەرنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە دەلىللەر مەۋجۇت.
پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىدە كۆرۈشكە كەلسەك، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ ماختىشى ۋە ئامان – ئېسەنلىك ئۇنىڭغا بولغاي)نىڭ جىبرىئىلنى (ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىدە) ئىككى قېتىم كۆرگەنلىكىدىن باشقا مەلۇمات يوق. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ ھالىتىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كەتكەن.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ ـــــــــ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي)نىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:
بىز بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن بىللە ئىدۇق، يېنىمىزغا بىر كىشى كەلدى. ئۇنىڭ كىيىملىرى پەۋقۇلئاددە ئاق، چاچلىرى پەۋقۇلئاددە قارا بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا سەپەرنىڭ ئالامەتلىرى يوق ئىدى ۋە ھېچقايسىمىز ئۇنى تونۇمايتتۇق. ئۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تىزىغا تەگكۈزۈپ، قوللىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ يوتىلىرىغا قويۇپ ئولتۇردى ۋە: «ئى مۇھەممەد، ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن» دېدى.
(ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا) رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئى ئۆمەر، سوئال سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇ جىبرىئىلدۇر، ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگەتكىلى كەلگەن» دېدى. [سەھىھۇل مۇسلىم 8 – ھەدىس]
سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:
مەن ئۇھۇد كۈنىدە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئاق كىيىم كىيىۋالغان ئىككى كىشىنى كۆردۈم، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى قوغداش ئۈچۈن تولىمۇ شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇلارنى شۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. [سەھىھۇل مۇسلىم 2306 – ھەدىس] بۇ ئىككىسى پەرىشتىلەر ئىدى.
ئىمام سۇيۇتى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) مۇنداق دېگەن: نەۋەۋىي شۇنداق دېگەن: بىز بۇ ھەدىستىن شۇنى چۈشىنىمىزكى، پەرىشتىلەرنى كۆرۈش نوقۇل پەيغەمبەرلەرگىلا خاس ئىش ئەمەس؛ ئەكسىچە، ساھابە ۋە ئەۋلىيالار (ئاللاھنىڭ يېقىن دوستلىرى)مۇ پەرىشتىلەرنى كۆرگەن، شۇنداقلا پەرىشتىلەر نوقۇل بەدىر كۈنىدىلا ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەمەس.» [سۇيۇتىنىڭ «مۇسلىم شەرھى» 317/5]
يەنە بىر مىسال شۇكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مەريەم (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)گە كۆرۈنگەن (بۇ ۋەقە قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان)، يەنە شۇنداقلا پەرىشتىنىڭ تاز، ماخاۋ كېسلىگە گىرىپتار بولغۇچى ۋە قارىغۇنىڭ يېنىغا بارغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس ۋە باشقا سەھىھ دەلىللەرمۇ بۇنىڭ مىسالىدۇر.
بىز ئىلگىرى تور بېتىمىزدە، بۇ تېما ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەنىدۇق، بۇ ھەقتە 96661-نومۇرلۇق پەتىۋاغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
ئىككىنچىدىن:
جىنلارنىمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىدىن باشقا سۈرەتتە كۆرۈش مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى مىساللاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىلەر:
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مېنى رامزان زاكىتىنى ساقلاشقا تەيىنلىدى. بىرەيلەن كېلىپ، يېمەكلىكلەردىن ئېلىشقا باشلىدى. مەن ئۇنى تۇتۇۋالدىم ۋە: «مەن سېنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىغا ئاپىرىمەن!» دېدىم. ئۇ: «مېنى قويۇۋەتكىن، مەن موھتاج كىشىمەن. مېنىڭ بالا -چاقىلىرىم بار. شۇنداقلا، مەن (بۇ يېمەكلىككە) پەۋقۇلئاددە موھتاجمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنى قويۇۋەتتىم …
ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «دەرۋەقە، گەرچە ئۇ كاززاب بولسىمۇ، ساڭا راست ئېيتىپتۇ. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كېچىدە كىم بىلەن پاراڭلاشقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە!» دېدى. مەن: «ياق» دېۋىدىم، ئۇ: «ئۇ شەيتان (يەنى جىن)دۇر» دېدى [سەھىھۇل مۇسلىم 2187 – ھەدىس]ئ
ھافىز ئىبنى ھەجەر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) مۇنداق دېگەن: بىز بۇ ھەدىستىن شۇنى بىلەلەيمىزكى … شەيتان خىلمۇخىل سىياقلاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇنى كۆرۈش ھەم مۇمكىن.
ئاللاھ تەئالانىڭ {دەرۋەقە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر} [ئەئراف سۈرىسى 27 – ئايەت] دېگەن سۆزىدە نەزەردە تۇتۇلغىنى، شەيتاننىڭ ئاللاھ ئۇنى ياراتقان ئەسلى ھالىتىدۇر (يەنى ئىنسان جىن – شەيتانلارنى ئەسلى ھالىتىدە كۆرەلمەيدۇ) [ئىبنى ھەجەر، فەتھۇلبارى 489/4]
شۇ ۋەجىدىن، بىز پەرىشتىلەرنى ۋە جىنلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىدىن باشقا سىياقتا كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
«بالىلارلا پەرىشتىلەرنى كۆرەلەيدۇ» دېگەن گەپكە كەلسەك، بۇ غەيبكە ئالاقىدار مەسىلە بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە دەلىلسىز ھالدا ھېچنەرسە دېيەلمەيمىز. بۇنى ئىنكار قىلىدىغانمۇ، مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانمۇ دەلىل يوق.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
