ئايال كىشىنىڭ نامازنى ئۆيىدە ئوقۇشى مەسجىدتە ئوقۇشىدىن ئەۋزەلدۇر

سوئال: مۇسلىمەلەرنىڭ ئاممىۋى ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋالىرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلىدىغان، دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 8868 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ئايال كىشىنىڭ ۋەلىيسى ئۇنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە باشقا ئەرلەردىن قوغدىشى ۋە يوشۇرۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە ناماز ئوقۇشىنى باشقا ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇشىدىن ئەۋزەل سانىغان ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ مەسجىدتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىدىن كاتتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهُ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:

«‌صَلَاةُ ‌الْمَرْأَةِ ‌فِي ‌بَيْتِهَا ‌أَفْضَلُ ‌مِنْ ‌صَلَاتِهَا ‌فِي ‌حُجْرَتِهَا، ‌وَصَلَاتُهَا ‌فِي ‌مَخْدَعِهَا ‌أَفْضَلُ ‌مِنْ ‌صَلَاتِهَا ‌فِي ‌بَيْتِهَا.»

«ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ھويلىسىدا ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. ئۇنىڭ ئىچكىرىكى ھۇجرىسىدا ئوقۇغان نامىزى ئۆيىدە (يەنى ئۆيىنىڭ باشقا جايلىرىدا) ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد (570)، ئىمام تىرمىزى (1173) رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئەلبانى «صحيح الترغيب والترهيب»تە (136/1) سەھىھ دېگەن.]

ئەبۇ ھۇمەيد سەئىدى ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهُ نىڭ ئايالى ئۇممۇ ھۇمەيد ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْها رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ سىلى بىلەن (يەنى سىلىنىڭ مەسجىدلىرىگە، سىلىگە ئىقتىدا قىلىپ) ناماز ئوقۇغۇم بار» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «مەن سىزنىڭ مەن بىلەن ناماز ئوقۇغىڭىز بارلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، ئۆيىڭىزدە ئوقۇغان نامىزىڭىز سىز ئۈچۈن ھويلىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر. ھويلىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىز سىز ئۈچۈن قورۇيىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر. قورۇيىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىز سىز ئۈچۈن مەھەللىڭىزدىكى مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر. مەھەللىڭىزدىكى مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىڭىز سىز ئۈچۈن مېنىڭ مەسجىدىمدە (يەنى پەيغەمبەر مەسجىدىدە) ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر.» ئاندىن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇنى ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى، ئەڭ پىنھان جايىنى نامازگاھ قىلىۋېلىشقا بۇيرۇدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھۇمەيد تاكى ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقانغا (يەنى ۋاپات بولغانغا) قەدەر ئاشۇ يەردە ناماز ئوقۇدى. [ئىمام ئەھمەد (26550) رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى خۇزەيمە «صحيح ابن خزيمة»دە (95/3)؛ ئىمام ئەلبانى «صحيح الترغيب والترهيب»تە (135/1) سەھىھ دەپ باھالىغان]

ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى»دا رىۋايەت قىلىدۇكى، بىزگە ئابدۇللاھ ئىبنى يۇسۇف خەۋەر بېرىپ ئېيتتىكى، بىزگە مالىك خەۋەر بەردىكى، يەھيا ئىبنى سەئىدتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەمرەھ بىنتى ئابدۇراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْھا مۇنداق دېگەن:

«لَوْ أَدْرَكَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم ‌مَا ‌أَحْدَثَ ‌النِّسَاءُ، ‌لَمَنَعَهُنَّ ‌كَمَا مُنِعَتْ نِسَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ»

«ئەگەر رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئاياللار بۈگۈن پەيدا قىلغان ئىشلارنى كۆرگەن بولسا ئىدى، بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاياللىرى چەكلەنگەندەك، ئۇلارنىمۇ (مەسجىدكە بېرىشتىن) چەكلىگەن بولاتتى.»

مەن (يەنى ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى بولغان يەھيا ئىبنى سەئىد) ئەمرەھتىن: «ئۇلار (بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاياللىرى) چەكلەنگەنمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «شۇنداق» دېدى. [ئىمام بۇخارى (831)، ئىمام مۇسلىم (445) رىۋايەت قىلغان]

ئابدۇلئەزىم ئابادىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىنىڭ ئەۋزەل بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ پىتنىدىن يىراق ئىكەنلىكىدۇر. دەرۋەقە، كېيىنچە ئاياللار مەسجىدلەرگە بارغاندا زىننەتلىرىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ، ياسىنىدىغان بولۇپ كېتىشكەن. ئائىشە ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْھا ئەنە شۇ ۋەجىدىن يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان.» [«عون المعبود» 193/2]

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئاممىۋى ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇغاندا قاتتىق دىققەت قىلىشى، ئەرلەر ئۇلارنى كۆرەلەيدىغان جايلاردىن يىراق كېتىشى، شۇنداقلا ناماز ۋاقتى كىرىپ قېلىپ، ناماز ئوقۇغۇدەك باشقا ئورۇن تېپىلماي قالمىغانلا تەقدىردە، ئاممىۋى ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇماسلىقى كېرەك.

شەيخ ئابدۇللاھ جىبرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«ئاياللار ئۈچۈن ئۆيى تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇلار بازارلاردا ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا ھەمدە ئۇ يەردە (ئەرلەر ئاياللارنى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە) پەردىلەنگەن جاي بار بولسا، ئىنشائاللاھ، ئاياللارنىڭ بۇنداق يەردە ناماز ئوقۇشىدە مەسىلە يوق.» [«مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاقىدار پەتىۋالار» 333/1]