ئايال كىشىنىڭ رامزاندا تاماق تەييارلىغانلىقىغا ساۋاب بېرىلەمدۇ؟

بىر ھەمشىرىمىز سورايدۇكى: ئى ئۇستاز! ئايال كىشى ئاشخانىدا تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغاچقا، بۇ ئاي (يەنى رامزان)دىكى قىممەتلىك ۋاقىتلارنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇ ئايال ھەققىدە قانداق كۆرسەتمە بېرىدىلا؟ ئۇ (رامزاندا) تاماق تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟

شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان حفظه الله نىڭ جاۋابى:

شۇنداق، ئۇ ئايال بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇ روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن تاماق تەييارلايدۇ، بۇ ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملەشكەنلىكتۇر. ئۇ ئايالغا بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر بېرىلىدۇ. شۇنداقلا، تاماق ئېتىش ۋە خىزمەت قىلىش ئۇ ئايالنىڭ تەسبىھ ئېيتىشىغا، «لَا إلَهَ إلاَّ اللَّهُ» دېيىشىگە ۋە يادقا بىلىدىغان قۇرئان سۈرىلىرىنى ئوقۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ. يەنى تاماق ئېتىش ئۇنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللىنى زىكىر قىلىشتىن توسۇپ قويماسلىقى كېرەك.

مەنبە: موقع الإمام الآجري