مېيىتنى يۇيغۇچى ئۆز ئىشى ئۈچۈن ھەق ئالسا بولامدۇ؟

پەتىۋالىرى 16 خىل تىلدا تارقىتىلىدىغان، دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمان كىشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان ئىبادەتتۇر، شۇڭا بۇ (يەنى مېيىتنى يۇيۇش ئ‍ىبادىتى) ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش ۋە ساۋاب ئېلىش نىيىتىدە قىلىنىشى كېرەك.
ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئائىلىسى مېيىتنى يۇيغان كىشىگە ئۇ شەرت قىلماستىن مەلۇم مىقداردا پۇل بەرسە، مېيىت يۇيغۇچىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق.
ھالبۇكى، مېيىتنى يۇيىدىغان كىشى مەلۇم مىقداردا پۇل بېرىلمىسە مېيىتنى يۇيمايدىغانلىقىنى شەرت قىلسا، بۇ دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇنىڭ ئاللاھتىن ئالىدىغان ئەجرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

دەپنە ئىشلىرى ئۈچۈن ھەق ئېلىش توغرىسىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى
«كشاف القناع»دا (2/86) مۇنداق دېيىلگەن:
«مېيىتنى يۇيۇش، كېپەنلەش، كۆتۈرۈش ۋە دەپنە قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىش ياخشى ئەمەس. «ئەلمۇبدى»دا مۇنداق دېيىلگەن: ئىمام ئەھمەد مېيىتنى يۇيغان ياكى قەبرە كولىغان كىشىنىڭ ئۆز ئىشى ئۈچۈن ھەق ئېلىشىنى ياقتۇرمايتتى، پەقەت ئۇ موھتاج بولسا، بۇ ھالدا ئۇنىڭغا بەيتۇلمالدىن بېرىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىلسە بولىدۇ.» (نەقىل تامام)

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن: «مېيىتنى يۇيۇش ۋە كېپەنلەش ئۈچۈن ھەق ئېلىش دۇرۇسمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«ئەگەر بۇ ھەق ياكى سوۋغات شەرت قىلىنماستىن بېرىلسە، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىدا ھېچقانداق شەك يوق، ۋە بۇنى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق خاتالىق يوق. چۈنكى، بۇ ۋاپات بولغۇچىنى يۇيغان ۋە كېپەنلىگەن كىشىگە ئۇنىڭ ئىشى ئۈچۈن بېرىلگەن.
پەيغەمبەر عليه الصلاة والسلام مۇنداق دېگەن: «مَنْ صَنَعَ إِلَيْكُمْ مَعْرُوفًا فَكَافِئُوهُ» «كىم سىلەرگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد 1672 – ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]

ئەمما، ئەگەر بۇ ھەق شەرت قىلىنغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ مېيىتنى يۇيغان ۋە كېپەنلىگەن كىشىنىڭ ئەجرىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى، مېيىتنى (خالىس نىيەتتە، ھەق ئالماستىن) يۇيغان ۋە كېپەنلىگەن كىشى چوڭ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى، مېيىتنى يۇيۇش ۋە كېپەنلەش پەرز كۇپايىدۇر. شۇڭا، مېيىتنى يۇيغان ۋە كېپەنلىگەن كىشى پەرز كۇپايىنى ئادا قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ئالسا، ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ.
ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ھەق ئېلىشىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق، چۈنكى بۇ ھەق باشقا بىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشنىڭ بەدىلىدۇر. بۇنداق ئىشتا ھەق ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ. خۇددى توغرا كۆز قاراشقا ئاساسەن قۇرئان ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەق ئېلىشنىڭ دۇرۇس بولغىنىغا ئوخشاش.»
مەنبە: «نۇرۇن ئەلاددەرب پەتىۋالىرى»دىن، 7/36)

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ ئالىملىرىدىن: «مېيىتنى يۇيۇش ئۈچۈن — مەيلى ئۇ ھەق شەرت قىلىنغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن — ھەق ئېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
«بۇ دۇرۇس، ئەمما ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنى ھەق ئالماي قىلىش تېخىمۇ ياخشى. كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھتىندۇ. ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!»
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى، 15/112
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ بىن باز

شەيخ ئابدۇرراززاق ئەفىفىي
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

لېكىن، مېيىتنى يۇيىدىغان كىشى شەرت قىلغان ھەق ئۆز ئىشىغا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، باھانى ئاشۇرۇۋېتىشكە ياكى مېيىت ئىگىلىرىنى قاقتى – سوقتى قىلىشقا بولمايدۇ.