نامازدا سەپنى قانداق تۈزلەيمىز؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 21502 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: نۇرغۇن كىشىلەر جامائەت نامىزىدا پۇتنى پۇتقا چاپلاپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، ئارىلىرىدا ئارىلىق قالدۇرۇپ قويىدۇ. بىز ئارىلىقتا قالغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، پۇتىمىزنى قايسى دەرىجىدە ئېچىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر سەپ تۈز بولمىسا، بىز ئوڭ تەرىپىمىزدىكى ئادەم بىلەن تەكشى تۇرامدۇق ياكى سول تەرىپىمىزدىكى ئادەم بىلەنمۇ؟

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمانلار سەپلىرىنى زىچ تۇتۇشى ۋە ئارىلىقلارنى تولدۇرۇشى كېرەك. بۇ مۈرىنى مۈرىگە، پۇتنى پۇتقا چاپلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:

«‌أَقِيمُوا ‌الصُّفُوفَ، ‌فَإِنِّي ‌أَرَاكُمْ ‌خَلْفَ ‌ظَهْرِي»

«سەپلىرىڭلارنى تۈزلەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئارقامدىن كۆرۈپ تۇرىمەن» [ئىمام بۇخارى (686) ۋە ئىمام مۇسلىم (425) رىۋايەت قىلغان.]

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:

«‌أَقِيمُوا ‌الصُّفُوفَ، ‌وَحَاذُوا ‌بَيْنَ ‌الْمَنَاكِبِ، ‌وَسُدُّوا ‌الْخَلَلَ، ‌وَلِينُوا ‌بِأَيْدِي ‌إِخْوَانِكُمْ، ‌وَلَا ‌تَذَرُوا ‌فُرُجَاتٍ ‌لِلشَّيْطَانِ، ‌وَمَنْ ‌وَصَلَ ‌صَفًّا ‌وَصَلَهُ ‌اللهُ، ‌وَمَنْ ‌قَطَعَ ‌صَفًّا ‌قَطَعَهُ ‌اللهُ»

«سەپلەرنى تۈزلەڭلار، مۈرەڭلەرنى تەكشى قىلىڭلار، بوش قالغان يەرلەرنى تولدۇرۇڭلار. (سەپكە كىرمەكچى بولغان) قېرىنداشلىرىڭلارغا مۇلايىم بولۇڭلار . شەيتانغا يوچۇق قالدۇرماڭلار. كىم سەپنى تولدۇرسا، اللَّه ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزىدۇ. كىمكى سەپنى ئۈزۈپ قويسا (يەنى بوشلۇقنى تولدۇرمىسا)، اللَّه مۇ ئۇنى (رەھمىتىدىن) ئۈزۈپ قويىدۇ».

بۇ يەردە «سەپكە كىرمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىڭلارغا مۇلايىم بولۇڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبارىنىڭ ئەسلى لەۋزى «وَلِينوا بِأيْدِي إخْوانِكُمْ» «قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قوللىرىغا مۇلايىم بولۇڭلار» بولۇپ، ئىمام ئەبۇ داۋۇد مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن شۇنداق دېگەن: «بۇ ھەقتە ئۇقبە <قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قولىغا مۇلايىم بولۇڭلار> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، بىراۋ سەپكە كىرىش ئۈچۈن كەلسە، سەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۈرىسىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭغا ئورۇن چىقىرىپ بەرسۇن، دېگەنلىكتۇر> دېگەن».

[ئىمام ئەبۇ داۋۇد (666) ۋە ئىمام نەسائى (819) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا (620) سەھىھ دېگەن.]

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: <سەپلىرىڭلارنى تۈزلەڭلار> دەپ ئۈچ قېتىم دېدى. ئاندىن: <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يا سەپلىرىڭلارنى تۈزلەيسىلەر، بولمىسا ئاللاھ قەلبلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى ئاراڭلارغا ئىختىلاپ چۈشۈرىدۇ)» دېدى. نۇئمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن كىشىلەرنىڭ (يەنى ساھابىلەرنىڭ، يۇقىرىقى سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن) مۈرىسىنى يېنىدىكى كىشىنىڭ مۈرىسىگە، تىزىنى تىزىغا، ئوشۇقىنى ئوشۇقىغا چاپلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن. [ئىمام ئەبۇ داۋۇد (662) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا (616) سەھىھ دېگەن.]

كىشى سەپنى تۈزلەش ئۈچۈن ئوڭ تەرىپىگە قارامدۇ ياكى سول تەرىپىگىمۇ؟

سۈننەت بويىچە ئىمام جامائەتنىڭ ئالدىدا، سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى كېرەك. ئاندىن سەپلەر بەزىلەرنىڭ قىلغىنىدەك مەسجىدنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن باشلىنىشى كېرەك. سەپلەر ئىمامنىڭ دەل ئارقىسىدىن باشلاپ، ھەم ئوڭ، ھەم سول تەرەپكە قاراپ تولدۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ ئىمامنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا، دەل ئوتتۇرىدا تۇرۇش سۈننىتىگە رىئايە قىلغانلىق بولىدۇ.

شۇنىڭغا بىنائەن، سەپنىڭ ئوڭ يېرىمىدا تۇرغانلار سول تەرىپىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىشى بىلەن تەكشى تۇرۇشى كېرەك. سەپنىڭ سول يېرىمىدا تۇرغانلار بولسا ئوڭ تەرىپىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىشى بىلەن تەكشى تۇرۇشى كېرەك.

كىشىنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىققا كەلسەك، ناماز ئوقۇغۇچى نورمال تۇرۇشى، پۇتلىرىنى بەك جۈپلىۋالماسلىقى، شۇنداقلا بەكمۇ ئېچىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كىشى ئىككى پۇتىنى قانچە بەك ئېچىپ تۇرسا، مۈرىلەرنى چاپلاپ تۇرۇش شۇنچە تەس بولىدۇ. سەپتە زىچ تۇرۇش پۇتنى پۇتقا، مۈرىنى مۈرىگە چاپلاپ تۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

ئەللامە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد مۇنداق دېگەن:

ھېچقانداق ئاساسسىز ھالدا، سەپ تەكشىلەشكە يېڭىدىن قوشۇلغان ئادەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، بەزى ناماز ئوقۇغۇچىلار سەپنىڭ ئوڭ يېرىمىدا تۇرسا ئوڭ تەرىپىدىكى كىشىگە، سول يېرىمىدا تۇرسا سول تەرىپىدىكى كىشىگە ئەگىشىپ، ئوشۇقىنى يېنىدىكى ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چاپلاش ئۈچۈن، پۇتىنى ئىچى تەرەپكە بۇراپ تۇرۇشماقتا.

بۇ شەرىئەتتە ئاساسى بولمىغان بىر ئىش بولۇپ، سۈننەتنى ئىجرا قىلىشتا چېكىدىن ئاشقانلىقتۇر. بۇ ئىش مۇنداق ئىككى جەھەتتىن خاتادۇر:

بىرىنچى: سەپنى تۈزلەش ئىمامغا يېقىن جايدىن باشلىنىشى كېرەك. سەپنىڭ ئوڭ يېرىمىدا تۇرغانلار سول تەرىپىدىكىلەر بىلەن تەكشى تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار بىر-بىرلەپ سول تەرەپكە قاراپ بىر سىزىقتا تۇرۇپ سەپنى تۈزلىيەلەيدۇ، بوشلۇقلارنى تولدۇرىدۇ، زىچ تۇرىدۇ، بوينىنى، مۈرىسىنى ۋە تاپىنىنى تەكشى قىلىدۇ ھەمدە ئالدىنقى سەپنى تولدۇرىدۇ.

ئەمما سەپنىڭ ئوڭ يېرىمىدا تۇرۇپ، ئوڭ پۇتى بىلەن ئوڭ تەرىپىدىكى كىشى بىلەن تەكشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئوشۇقىنى ئۇنىڭ ئوشۇقىغا چاپلاش ئۈچۈن، پۇتىنى ئىچىگە بۇراپ تۇرۇش ئېنىق خاتالىقتۇر ۋە بىھۇدىلىكتۇر. سۈننەتنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاشقۇن چۈشەنچىدۇر. قىستاڭچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغانلىقتۇر، شەرىئەتتە بۇيرۇلمىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتۇر ھەمدە سەپتىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكتۇر.

بۇ ئەھۋال شۇ يەردە ئېنىق كۆرۈلىدۇكى، ناماز ئوقۇغۇچى سەجدىگە بېرىپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە ئوشۇقلىرىنى چاپلاپ تۇرۇش ئۈچۈن پۇتىنى ئىچىگە بۇراپ تۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىنى قىبلىگە قارىتىشتىن ئىبارەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭدا يەنە ناماز ئوقۇغۇچى باشقا بىر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئورنىغا كىرىۋېلىش ۋە باشقىلارنىڭ پۇت قويىدىغان ئورنىنى ناھەق ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى سۈننەت دەپ قارىۋالغانلىقتۇر.

«لا جديد في أحكام الصلاة» (12-13-بەتلەر).