ئۇممۇ ھەبىيبە رَضِيَ اللَّهُ عَنْها ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن،
مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قانداق بىر مۇسۇلمان الله تَعَالى ئۈچۈن ھەر كۈنى پەرز نامازلاردىن باشقا 12 رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسا، الله ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
* تەرجىماندىن ئىلاۋە: بۇلار بامدات نامازنىڭ ئالدىدىكى ئىككى رەكئەت؛ پېشىننىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكئەت، پېشىندىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت؛ شامدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت؛ خۇپتەندىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت راۋاتىب سۈننەت نامازلاردۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رَضِيَ اللَّهُ عَنْهما ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت، جۈمەدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
* ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللار ئۈچۈن پېشىن نامىزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ناماز ئوقۇش ئەۋزەلدۇر؛ بۇنىڭ دەلىلى ئائىشە رَضِيَ اللَّهُ عَنْها دىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستۇر. ئەگەر پېشىننىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەت، كەينىدىمۇ تۆت رەكئەت ئوقۇسا تېخىمۇ ئەۋزەل بولىدۇ.
چۈنكى، سۈنەن كىتابلىرىنىڭ ساھىبلىرى ۋە ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلار ئۇممۇ ھەبىبە رَضِيَ اللَّهُ عَنْها دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «مَنْ صَلَّى أَرْبَعًا قَبْلَ الظُّهْرِ، وَأَرْبَعًا بَعْدَهَا، حَرَّمَهُ اللَّهُ عَلَى النَّارِ» «كىمكى پېشىننىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەت، پېشىندىن كېيىن يەنە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسا، الله دوزاخ ئوتىنى ئۇنىڭغا ھارام قىلىدۇ.»
بۇ ناھايىتى كاتتا پەزىلەتتۇر.
ئىبنى ئۆمەر رَضِيَ اللَّهُ عَنْهما دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە بىنائەن، ئەگەر كىشى پېشىننىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت، پېشىندىن كېيىنمۇ ئىككى رەكئەت ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلەنسىمۇ ھېچقىسى يوق. لېكىن مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ ھەر ئىككى ھەدىسكە بىردەك ئەمەل قىلىپ، پېشىننىڭ ئالدىدا تۆت رەكئەت ئوقۇغىنى ئەۋزەلدۇر. [ئىمام بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 7793 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]
