ئاللاھ تەئالا بەندىلىرىگە چەكسىز مېھرىبان، چەكسىز شەپقەتلىكتۇر.
بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، پەيغەمبەر ﷺ ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئەگەر بەندەم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان].
