سوئال: ئانا تىلى ئەرەبچە بولمىغان مۇسۇلمانلار چوقۇم ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەكمۇ؟ بۇنى ئۆگىنىش پەرزمۇ، مۇستەھەبمۇ ياكى؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 6524 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بىز «ئەرەب بولمىغانلارنىڭ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى پەرزمۇ؟» دېگەن سوئالنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىندىن سورىغانىدۇق، ئۇ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«ئۇلار (يەنى ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلار)نىڭ ئەرەب تىلىنى ئىسلامىي مەقسەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەرىجىدە، قولىدىن كېلىشىچە ئۆگىنىشى؛ يەنى ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ رۇكۇن ياكى ۋاجىبلىرىدىن بولغان تەكبىر – تەسبىھ، سۈرە فاتىھە قاتارلىقلاردىكى سۆزلەرنى قانداق تەلەپپۇز قىلىش(تەجۋىد)نى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىشى ۋاجىبتۇر.»
پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:
عرضنا السؤال التالي على فضيلة الشيخ عبد الله بن جبرين
هل يجب على الأعجمي تعلم العربية ؟
فأجاب حفظه الله بقوله :
يجب عليه تعلم ما يلزمه في الإسلام لفظا ومعنى كالتكبير والفاتحة والتسبيحات .. الواجبة في الصلاة وغيرها . والله أعلم .
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
