قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن ئوپچە دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: بىز سۇداندىكى بىر جامائەتمىز. بىز بامدات نامىزىدىن كېيىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن مەسجىدتە ھەلقە بولۇپ ئولتۇرىمىز. تىلاۋەتتىن كېيىن، مەخسۇس بېكىتىلگەن بىر كىشى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ، بىزمۇ قولىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇئاسىغا «ئامىن» دېيىشىپ بېرىمىز. مۇشۇنداق قىلىش دۇرۇسمۇ، ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: بۇ يەردە گېپى بولۇنغان قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان مەجلىستىن كېيىن ئوپچە دۇئا قىلىش بىدئەت بولۇپ، بۇنى تەرك ئېتىش پەرزدۇر. ھەربىر كىشى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن ياكى باشقا ئەھۋاللاردا ئۆز ئالدىغا دۇئا قىلسا، بۇنىڭغا چەكلىمە يوق. چۈنكى، دۇئا ئىبادەت بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ئىبادەتلەردىن فارىغ بولغاندا (يەنى ئىبادەتلەرنى تۈگەتكەندە) قىلىش كېرەك. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!

مەنبە: سەئۇدىي«ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى»نىڭ 19772 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:

رەئىس مۇفتى: ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز

ئەزا مۇفتىلار:

شەيخ بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيد؛

سالىھ بىن فەۋزان ئەلفەۋزان؛

ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئالشەيخ؛

ئابدۇللاھ بىن ئابدۇراھمان غۇدەييان.