ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رَضِيَ اللَّهُ عَنْهما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «تۆت سۈپەت باركى، بۇلار كىمدە تولۇق تېپىلسا، ئۇ ھەقىقىي مۇناپىقتۇر. كىمدە شۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرەرى تېپىلسا، شۇنى تاشلىغانغا قەدەر ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقنىڭ سۈپىتى بار ھېسابلىنىدۇ. (1) ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ. (2) سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. (3) ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ. (4) دەۋالاشقاندا ھەقتىن چەتنەيدۇ*.» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
* ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رَحِمَهُ اللَّه مەزكۇر ھەدىستىكى «دەۋالاشقاندا ھەقتىن چەتنەيدۇ» دېگەن تۈرنى مۇنداق شەرھلىگەن:
بۇ يەردىكى «دەۋالىشىش» قازىنىڭ ئالدىدىكى دەۋالىشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ھەقتىن چەتنەش» مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
(1) ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش.
(2) باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئىنكار قىلىش.
بىرىنچىسىنىڭ مىسالى شۇكى: مەلۇم بىر كىشى قازىنىڭ ئالدىدا، باشقا بىرى ھەققىدە «مېنىڭ بۇ كىشىدىن مىڭ دىنار ئېلىشىم بار» دەيدۇ، بۇ ھەقتە قەسەم ئىچىدۇ ۋە يالغان گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرىدۇ. قازى شۇنىڭغا بىنائەن، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇ «ھەقتىن چەتنەش»نىڭ بىر تۈرىدۇر.
ئىككىنچىسىنىڭ مىسالى شۇكى: بىر كىشى يەنە بىرەيلەندىن مىڭ دىنار ئالغان تۇرۇقلۇق، قەرز ئىگىسى كېلىپ ئۇنىڭغا: «پۇلۇمنى بەر» دېگەندە، ئۇ «مېنىڭ ساڭا قەرزىم يوق» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. قازىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغان بولسا ھەمدە قەرز ئىگىسىنىڭ ھۆججىتى بولمىسا، بۇ يالغانچى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قەرزى يوقلۇقى ھەققىدە قەسەم ئىچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قازى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇمۇ دەۋالىشىشتا «ھەقتىن چەتنەش»نىڭ يەنە بىر تۈرىدۇر. [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 690 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]
