ئىمام ئەلبانى | ھەدىستىكى «قۇرئاننىڭ ھەمراھى» كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىرى ئىبنى ئاس ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهما ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:

«يُقَالُ لِصَاحِبِ الْقُرْآنِ: اقْرَأْ وَارْتَقِ وَرَتِّلْ كَمَا كُنْتَ تُرَتِّلُ في الدُّنْيَا، فَإنَّ مَنْزِلَتَكَ عِنْدَ آخِرِ آية تَقْرَؤُهَا».

«قۇرئاننىڭ ھەمراھىغا <ئوقۇ ۋە ئۆرلە، دۇنيادا (قۇرئاننى) تەرتىل بىلەن ئوقۇغىنىڭدەك (بۇ يەردىمۇ) تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن. ھەقىقەتەن سېنىڭ دەرىجەڭ سەن ئوقۇغان ئاخىرقى ئايەتنىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ> دېيىلىدۇ.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ]

* مەزكۇر ھەدىس شەرىفتىكى «قۇرئاننىڭ ھەمراھى»دىن نېمىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئەللامە، ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«بىلىڭكى، <‌صَاحِبُ ‌الْقُرْآنِ> <قۇرئاننىڭ ھەمراھى> دېگەن سۆز <قۇرئاننى يادلىغانلار>نى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ <يَؤُمُّ ‌الْقَوْمَ ‌أَقْرَؤُهُمْ ‌لِكِتَابِ اللَّه> <كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى الله نىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايدىغانلىرى ئىمام بولسۇن> دېگەن سۆزىدىمۇ، قۇرئاننى ئەڭ كۆپ يادلىغانلار كۆزدە تۇتۇلغان. جەننەتتىكى دەرىجىلەرنىڭ يۇقىرى بولۇشى مۇشۇ دۇنيادا قۇرئاننى قانچىلىك يادلىغانلىققا باغلىقتۇر. بۇ بەزىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، دۇنيادا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش بىلەن ھاسىل بولىدىغان دەرىجە ئەمەس.

بۇ قۇرئاننى يادلىغانلارنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئاننى پۇل – پۇچەك دېگەندەك دۇنيالىق سەۋەبلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى الله نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يادلىغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە: «‌أَكْثَرُ ‌مُنَافِقِي ‌أُمَّتِي ‌قُرَّاؤُهَا» «ئۈممىتىمنىڭ مۇناپىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قارىيلاردۇر» دېگەن. [سلسلة الأحاديث الصحيحة 5 – جىلىد 284 – بەت]