كىمكى بىر قېرىندىشىنى ھەقىقەتەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسا، چوقۇم ئىمام ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بىلەن ئۇنىڭ دەرسىگە قاتناشقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ۋەقەنى ئوقۇپ چىقسۇن:
سوئال سورىغۇچى: بىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن كىشى چوقۇم ئۇنىڭغا «مەن سېنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دېيىشى كېرەكمۇ؟
ئىمام ئەلبانى: شۇنداق، ئەمما ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ بەدىلى تولىمۇ يۇقىرى، ئۇنى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا تۆلىيەلەيدۇ. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ بەدىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئاراڭلاردا بۇنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ كىم بىلسە جاۋاب بەرسۇن.
قاتناشقۇچىلاردىن بىرى: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمايدىغان كۈندە ئۆز سايىسىدە سايىدىتىدۇ» دېگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ ئۈچۈن بىر – بىرىنى ياخشى كۆرگەن، شۇ ئاساستا بىرلەشكەن ۋە شۇ ئاساستا ئايرىلغان ئىككى كىشى بار.
ئىمام ئەلبانى: بۇ سۆزنىڭ ئۆزى توغرا، ئەمما سورالغان سوئالنىڭ جاۋابى ئەمەس. بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ يىرىك ئېنىقلىمىسى، كامىل ئېنىقلىمىسى ئەمەس. مېنىڭ سوئالىم شۇكى: ئاللاھ يولىدا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىر – بىرىگە تۆلىشى كېرەك بولغان بەدەل زادى نېمە؟ مەن بۇ يەردە ئاخىرەتتىكى ئەجىرنى كۆزدە تۇتمايۋاتىمەن.
يەنى مەن مۇنداق سوئال قويماقچى: ئاللاھ يولىدا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ ئەمەلىي دەلىلى نېمە (يەنى ئىككى كىشى قانداق قىلغاندا ئاندىن بىر – بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ)؟
ئىككى كىشى بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شەكلىي بولۇشى مۇمكىن. (ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنگەن) ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئالامىتى نېمە؟
قاتناشقۇچىلاردىن بىرى: «ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈش.»
ئىمام ئەلبانى: بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ سۈپىتى ياكى ياخشى كۆرۈشنىڭ سۈپەتلىرىدىن بەزىسى …
قاتناشقۇچىلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {(ئى مۇھەممەد صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ}
ئىمام ئەلبانى: بۇ باشقا بىر سوئالنىڭ توغرا جاۋابى …
قاتناشقۇچىلاردىن بىرى: جاۋاب بەلكىم: «كىمدە ئۈچ خىسلەت بولسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىستە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاللاھ يولىدا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرگۈچىلەر تىلغا ئېلىنغان.
ئىمام ئەلبانى: بۇ ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ تەسىرى، يەنى (باشقا بىرىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرگۈچى) ئۆز قەلبىدە ھېس قىلىدىغان ھالاۋەت.
قاتناشقۇچىلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {زامان بىلەن قەسەمكى، پۈتكۈل ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا}
ئىمام ئەلبانى: ئاپرىن! مانا بۇ توغرا جاۋاب. بۇنىڭ ئىزاھاتى شۇكى، ئەگەر مەن سىزنى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرسەم، چوقۇم سىزگە نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك بولىدۇ. سىزمۇ ماڭا شۇنداق قىلىشىڭىز (يەنى سەمىمىي نەسىھەت قىلىشىڭىز) كېرەك. ھالبۇكى، بۇ خىل نەسىھەت قىلىشىش «بىر – بىرىمىزنى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرىمىز» دەپ دەۋا قىلغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشىدە بىر ئاز ئىخلاس بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ (ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنگەن) كامىل ياخشى كۆرۈش ئەمەس. چۈنكى، ھەر بىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن، ئۇلارنىڭ يىراقلىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، بىر – بىرىمىزنى ئايايمىز (ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆزئارا نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئېتىمىز).
شۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ يولىدىكى مۇھەببەتنىڭ بەدىلى شۇكى، ھەممىمىز ئۆزئارا نەسىھەت قىلىشىش ئارقىلىق بىر – بىرىمىزگە سەمىمىي بولۇشىمىز؛ ئۆزئارا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى دائىم ۋە مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ (يەنى دىنىي قېرىندىشىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرگۈچى) ئۆز دوستىغا نەسىھەت قىلىشتا ئۇنىڭغا ئۆز سايىسىدىنمۇ بەك يېپىشىپ تۇرۇشى كېرەك.
دەرۋەقە، ساھابىلەرنىڭ ئايرىلىشقان ۋاقتىدا بىر – بىرىگە مۇنۇ سۈرىنى ئوقۇغانلىقى سەھىھتۇر: {زامان بىلەن قەسەمكى، پۈتكۈل ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا}
«ئىمام ئەلبانى پەتىۋالىرى»دىن (165 – 166)
