ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 130711 – نومۇرلۇق سوئال، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئىسلامدا گۇناھلار كىچىك گۇناھ (گۇناھى سەغىر). چوڭ گۇناھ (گۇناھى كەبىر) دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا، قولدا لەززەتلىنىش ۋە شەھۋانىي فىلىم – سۈرەتلەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى ۋە بۇنىڭ دوزاختىكى جازاسى نېمە؟
ئەللامە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبن جىبرىننىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) جاۋابى:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ھەربىر مۇسۇلمان شەھۋەتنى قوزغايدىغان ۋە كىشىنى قولدا لەززەتلىنىش، زىنا قاتارلىق قەبىھ گۇناھلارغا ئۈندەيدىغان شەھۋانىي سۈرەت ۋە فىلىملەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
شۇنىسى شەكسىزكى، بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش گۇناھى كەبىردۇر. چۈنكى، داۋاملاشتۇرۇلغان گۇناھنىڭ كىچىكى يوق. بۇ خىل گۇناھلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ گۇناھتىكى ئەزۋەيلىشى (قول ئۈزمەسلىكى) سەۋەبلىك گۇناھى كەبىر ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ خىل نەرسىلەرنى بىرەر قېتىم كۆرۈپ قالغانلارنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، تاسادىپىيلىقتىن بىرەر قېتىم كۆرۈپ قېلىش كىچىك گۇناھلار جۈملىسىدىن بولسىمۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا گۇناھى كەبىر بولىدۇ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
