جۈمە نامىزىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى بۇ بىدئەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىڭ

جۈمەدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت «سۈننەت نامىزى» دەپ ناماز يوق، جۈمەدىن كېيىن «ئېھتىياتىي پېشىن» دەيدىغان نامازمۇ يوق!

بىرىنچى مەسىلە، جۈمە نامىزىدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت ئاتالمىش «سۈننەت نامىزى» توغرىسىدا

ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەرگە بىلىنگەن (ۋە شۇلار تەرىپىدىن ئوقۇلۇۋاتقان) <جۈمە نامىزىدىن بۇرۇنقى (تۆت رەكئەت) سۈننەت نامىزى>نىڭ سۈننەتتە ھېچ ئورنى يوقتۇر.»
مەنبە: سلسلة الهدى والنور 3-لېنتا
* جۈمە كۈنى مەسجىدكە كىرگەن كىشىنىڭ، ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى» ئوقۇشى كېرەكلىكى ھەدىستە ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ھازىر مەسجىدلەردە قىلىنىۋاتقاندەك، جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن، پۈتكۈل جامائەتنىڭ تۆت رەكئەت ئاتالمىش «سۈننەت نامىزى» ئوقۇشىنىڭ شەرىئەتتە قەتئىي ئاساسى يوق بولۇپ، بۇنداق قىلىش بىدئەتتۇر. بىدئەت كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق بىدئەت ئىشلارنى قىلماي، كىشىلەر بۇ نامازنى ئوقۇۋاتقاندا، جايىدا جىم ئولتۇرۇش سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىشتۇر.
ئىككىنچى مەسىلە، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئاتالمىش «ئېھتىياتى پېشىن نامىزى»توغرىسىدا
جۈمە نامىزىدىن كېيىنكى ناماز ھەققىدىكى سۈننەت شۇكى:
رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن كىمكى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولسا، تۆت رەكئەت ئوقۇسۇن» [بۇ قانداقتۇر «ئېھتىياتىي پېشىن» ئەمەس، بەلكى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازدۇر].
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن:
«رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.»
بۇ ھەقتە، ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
«جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەسجىدتە ياكى ئۆيدە ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ، بۇنى ئۆيدە ئوقۇش تېخىمۇ ئەۋزەل.»
مەنبەلەر: «صحیح مسلم» (881) و (882) / « تمام المنة » (431)

جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئاتالمىش «ئېھتىياتى پېشىن نامىزى» ئوقۇش شەرىئەتتە قەتئىي ئاساسىي يوق بىدئەت بولۇپ، بۇ ھەقتە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پەتىۋانى ئوقۇپ چىقىڭ:

سوئال: مەن ﺑﻪﺯﻯ ئىماملاردىن ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ئۈچ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺭﺕ ئاستىدا ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ئىككى رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯨﻦ كېيىن پېشىن (يەنى ئاتالمىش «ئېھتىياتى پېشىن») نامىزىنىڭ ﺗﯚﺕ رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺵ كېرەك، ﺩﯦﮕﻪﻥ پەتىۋانى ﯪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. (ئۇلار دېگەن بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە) 1-. ئەگەر بىز سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ﻳﯩﺮﺍﻕ بولساق. 2- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ئىسلام دۆلىتىدە ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﺎﻕ. 3- ياكى ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھۆكۈمىتىمىز ئىسلامىي ھاكىمىيەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.

سوئالىمغا سەمىمىي ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دىيارىمىزدا ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ھەممىسى مۇشۇنداق ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، لېكىن مەن ﺑﯘ توغرىسىدا ئىزدەنگەن بولساممۇ ئۇنىڭغا دائىر  بىرەرمۇ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.

«ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»نىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.

ﺟﺎﯞﺍﺏ:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن پېشىن نامىزى ئوقۇش بەزىلەرنىڭ شەخسىي كۆز ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ مەككىدىن يىراق بولۇش – بولماسلىق، ئىسلامىي دۆلەت بولۇش-بولماسلىق ﯞﻩ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ بولۇش – بولماسلىقى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﯬﻫﻠﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪت ۋەلجامائەگە ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ بولۇش – بولماسلىقى ﯞﻩ خەلىپىنىڭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ جۈمە نامىزى ئوقۇشنىڭ شەرتى ئەمەس. ( ﻓﻪﺗﯩﯟﺍ ﯬﻝ لەجنە ﯬﻝ ئىلمى8/187)

بۇ توغرىدا يېتەرلىك ئىلمى يوق ۋەياكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بولمىغان، ﺳﯩﺰ سوئالدا ئېيتقاندەك ئاتالمىش «ﯻﻤﺎﻡ»لارﻧﯩﯔ «جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېھتىياتىي پېشىن نامىزى ئوقۇش كېرەك» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺰ مەشھۇر ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ. ﯪﻟﯩﻤﻼﺭ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ پېشىن ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭىئەتتە ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ﯬﮔﻪﺭ بىراۋ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاقتىدا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ جۈمە ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮلمايدىغان ئەھۋالدا، ﺟﯜﻣﻪﻧﻰ ﯮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ پېشىن ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺷﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ دىنىي كىتابتا ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ پېشىن نامىزى ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ قەيت ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﯬﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ئۇ توغرىدا ھەدىس ۋەياكى ساھابىلارنىڭ كۆز قارىشى ﺧﺎﺗﯩﺮىلەنگەن بولاتتى.

(ئىبادەتنى چىن ئىخلاس ۋە تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىلىش پەرز بولۇپ، ئىباەتنىڭ قوبۇل بولۇشىدا، ئىككىلىنىپ ياكى شەكلىنىپ، ئۇ بولسا بولار، بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ بولار دېگەندەك، «ئېھتىياتى پېشىن»گە ئوخشاش (دەلىلسىز، بىدئەت) ئەمەللەرنىڭ كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىزدە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ھەرەز قىلىشىمىز لازىم، م)

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.