رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ توي زىياپىتى

ئاندىن، بىز (خەيبەردىن مەدىنىگە قايتقان) يولدىكى چېغىمىزدا، ئۇممۇ سۇلەيم رەزىياللاھۇ ئەنھا سەفىييە رەزىياللاھۇ ئەنھانى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۈچۈن جابدۇدى ۋە كېچىدە ئۇنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئەتىسى يېڭى توي يىگىتىلىك سۈپىتىدە ئويغاندى ۋە: «مَنْ ‌كَانَ ‌عِنْدَهُ ‌شَيْءٌ، ‌فَلْيَجِئْ ‌بِهِ (وفي رواية: مَنْ ‌كَانَ ‌عِنْدَهُ ‌فَضْلُ ‌زَادٍ ‌فَلْيَأْتِنَا ‌بِهِ)» «كىمنىڭ يېنىدا (يېگۈدەك) بىرەر نەرسىسى بولسا، ئۇنى (توي زىياپىتى) ئۈچۈن ئەكەلسۇن (يەنە بىر رىۋايەتتە «كىمنىڭ يېنىدا ئارتۇق نەرسىسى بولسا، ئۇنى ئەكەلسۇن» دېيىلگەن)» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، تېرە داستىخانلار سېلىندى. بىرەيلەن قۇرۇت، يەنە بىرەيلەن خورما، يەنە بىرى سارماي ئەكەلدى ۋە ھەيس[1] تەييارلاندى. ئاندىن كىشىلەر شۇ ھەيستىن يېيىشتى ۋە يېنىدىكى يامغۇر سۈيىدىن شەكىللەنگەن كۆلچەكلەردىن سۇ ئىچىشتى. ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ توي زىياپىتى ئىدى.[2]

[1] ‌حَيْسٌ ــــــــــــ خورما، قۇرۇت ۋە سارمايدىن تەييارلىنىدىغان تاتلىق تائام ،ت

[2] ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام ئەھمەد توپلىغان.