ھەدىس شەرھى | ئەڭ ناچار ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:

«إِنَّ شَرَّ النَّاسِ عِنْدَ اللهِ مَنْزِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ‌مَنْ ‌تَرَكَهُ ‌النَّاسُ ‌اتِّقَاءَ شَرِّهِ»

«ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئورۇن جەھەتتە ئەڭ ناچار ئىنسانلار باشقىلار ئۇنى يامانلىقىدىن قورقۇپ تەرك ئەتكەن كىشىلەردۇر.»

مەنبە: سەھىھۇل بۇخارى 6032 – ھەدىس.

ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىستىكى «اتِّقَاءَ شَرِّهِ»(يامانلىقىدىن قورقۇپ) دېگەن ئىبارىنى «ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرىنىڭ يامانلىقىدىن قورقۇپ» دەپ شەرھلىگەن [«فتح الباري» لابن حجر (10/ 455 ط السلفية)]

شۇڭا مۇسۇلمانلارغا ئىمكانقەدەر چىرايلىق، سىپايە گەپ قىلىشقا ئادەتلىنەيلى، ئەگەر ئېغىزىمىزنىڭ يامانلىقى سەۋەبلىك، مۇسۇلمانلار بىزدىن يىراقلىشىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالساق، مۇنۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئورۇن جەھەتتە ئەڭ ناچار ئىنسان»غا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىمىز بار.