ھەدىس: مەن قانداقمۇ ئەمىن بولالايمەن؟…

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ «كَيْفَ أَنْعَمُ وَقَدِ التَقَمَ ‌صَاحِبُ ‌القَرْنِ القَرْنَ وَحَنَى جَبْهَتَهُ وَأَصْغَى سَمْعَهُ يَنْتَظِرُ أَنْ يُؤْمَرَ أَنْ يَنْفُخَ فَيَنْفُخَ» «سۇر ساھىبى سۇرنى ئېغىزىغا ئېلىپ بولغان، بۇيرۇقنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى كۆتۈپ بېشىنى ئېگىپ، قۇلاق سېلىپ تۇرغان تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئەمىن بولالايمەن؟» دېۋىدى، مۇسۇلمانلار: «ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز، ئى رەسۇلۇللاھ؟» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن: «قُولُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الوَكِيلُ تَوَكَّلْنَا عَلَى اللَّهِ رَبِّنَا» «<ئاللاھ بىزگە كۇپايىدۇر، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي! بىز رەببىمىز ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلدۇق> دەڭلار» دېدى[1].

[1] ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى (3243) ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان.