مۇئمىنلەر سىراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ – يۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭغا كىرەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇلار جەننەتكە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە، ئۆز ئارىسىدىكى بەزى غۇم – ئاداۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بۇ ھەقتە، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«إِذَا خَلَصَ الْمُؤْمِنُونَ مِنَ النَّارِ حُبِسُوا بِقَنْطَرَةٍ بَيْنَ الْجَنَّةِ وَالنَّارِ، فَيَتَقَاصُّونَ مَظَالِمَ كَانَتْ بَيْنَهُمْ فِي الدُّنْيَا حَتَّى إِذَا نُقُّوا وَهُذِّبُوا، أُذِنَ لَهُمْ بِدُخُولِ الْجَنَّةِ، فَوَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بِيَدِهِ، لَأَحَدُهُمْ بِمَسْكَنِهِ فِي الْجَنَّةِ أَدَلُّ بِمَنْزِلِهِ كَانَ فِي الدُّنْيَا»
«مۇئمىنلەر دوزاخقا كىرىشتىن ساقلىنىپ قالغان (ۋە جەننەت تەرەپكە قاراپ ماڭغان)دا دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەگمە شەكىللىك كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىتىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيادا بىر – بىرىگە قىلغان ناھەقچىلىقلىرىدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىدىن رازى بولۇشۇپ، گۇناھلىرىدىن پاكلانغاندا، جەننەت كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. مُحَمَّد نىڭ جېنى قولىدا بولغان زات (يەنى الله) بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جەننەتتىكى ئۆيلىرىنى دۇنيادىكى ئۆيلىرىدىنمۇ بەكرەك تونۇيدۇ» [ئىمام بۇخارى (2440) توپلىغان].
بىز مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئادەۋەتلەرنىڭ كونكرېت قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئىش پەرىشتىلەرنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ ياكى مۇئمىنلەر جەننەتتە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشەمدۇ؟ الله ﷻ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. لېكىن، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇلار جەننەتكە كىرگەندە ئارىلىرىدا ھېچقانداق ئۆچمەنلىك، غۇم – ئاداۋەت بولمايدۇ ۋە بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان قېرىنداش – بۇرادەرلەردىن بولغان ھالدا جەننەتكە كىرىشكە تەييارلىنىدۇ. الله ﷻ بىزنى ئاشۇ باسقۇچقا ئامان – ئېسەن يېتىپ بارىدىغانلاردىن قىلغاي، ئامىن!
شەيخ مۇھەممەد ئەلجىبالىينىڭ «بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان «يۈرۈشلۈك ئىمان ئوقۇشلۇقلىرى ـــ ئاخىرەتنى بىلىش» دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى.
