اللە قا دۇئا قىلغاندا، فىردەۋس جەننىتىنى تىلەش ھەققىدە

 ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «سىلەر اللە تائالادىن جەننەت سورىساڭلار، فىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار. چۈنكى، فىردەۋس جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى ۋە ئېسىلىدۇر. جەننەتلەرنىڭ ئۆستەڭلىرى ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە اللە تائالانىڭ ئەرشى باردۇر» 

[ئۇيغۇرچە «تەپسىر ئىبنى كەسىر» سۈرە مۇئمىنۇننىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.