ئەنەس رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«يُؤْتَى بِأَشَدِّ النَّاسِ كَانَ بَلَاءً فِي الدُّنْيَا مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ، فَيَقُولُ: اصْبُغُوهُ صَبْغَةً فِي الْجَنَّةِ، فَيُصْبَغُ فِيهَا صَبْغَةً، فَيَقُولُ اللهُ لَهُ: يَا ابْنَ آدَمَ، هَلْ رَأَيْتَ بُؤْسًا قَطُّ، أَوْ شَيْئًا تَكْرَهُهُ؟ فَيَقُولُ: لَا وَعِزَّتِكَ، مَا رَأَيْتُ شَيْئًا أَكْرَهُهُ قَطُّ، ثُمَّ يُؤْتَى بِأَنْعَمِ النَّاسِ كَانَ فِي الدُّنْيَا مِنْ أَهْلِ النَّارِ، فَيَقُولُ: اصْبُغُوهُ فِيهَا صَبْغَةً، فَيَقُولُ: يَا ابْنَ آدَمَ، هَلْ رَأَيْتَ خَيْرًا قَطُّ، قُرَّةَ عَيْنٍ قَطُّ، فَيَقُولُ: لَا وَعِزَّتِكَ، مَا رَأَيْتُ خَيْرًا قَطُّ، وَلَا قُرَّةَ عَيْنٍ قَطُّ»
«(قىيامەتتە) دۇنيادىكى چېغىدا ئەڭ كۆپ جاپا – مۇشەققەتكە ئۇچرىغان جەننەت ئەھلى بىر كىشى ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە الله: <ئۇنى جەننەتكە بىر قېتىم چۆكتۈرۈڭلار> دەيدۇ – دە، ئۇ جەننەتكە بىر قېتىم چۆكتۈرۈلىدۇ. ئاندىن الله ئۇنىڭغا: <ئى ئادەم ئوغلى! (دۇنيادا) بىرەر قىيىنچىلىق تارتقانمىدىڭ ياكى ئۆزەڭ يامان كۆرىدىغان بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەنمىدىڭ؟> دەيدۇ. ئۇ: <ياق، سېنى ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆزەم يامان كۆرىدىغان ھېچقاندا ئىشنى كۆرمىگەنىدىم> دەيدۇ.
ئاندىن، دۇنيادىكى چېغىدا ئەڭ باياشات ياشىغان دوزاخ ئەھلىدىن بىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە الله: <ئۇنى دوزاخقا بىر قېتىم چۆكتۈرۈڭلار> دەيدۇ – دە، ئۇ جەھەننەمگە بىر قېتىم چۆكتۈرۈلىدۇ. ئاندىن الله ئۇنىڭغا: <ئى ئادەم ئوغلى! (دۇنيادا) بىرەر ياخشىلىق كۆرگەنمىدىڭ؟ خۇرسەن بولۇپ باققانمىدىڭ؟> دەيدۇ. ئۇ: <ياق، ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! مەن (دۇنيادا) قەتئىي ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم، قەتئىي خۇرسەن بولۇپ باقمىدىم> دەيدۇ»
بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم (2807)، ئىمام ئەھمەد (13660) ۋە باشقىلار توپلىغان، ھەدىسنىڭ بۇ لەۋزىنى ئىمام ئەھمەد توپلىغان بولۇپ، شەيخ شۇئەيب ئارناۋۇت «مۇسنەد»نىڭ تەھقىقىدە «بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئىمام مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ، راۋىيلىرى ئارىسىدىكى ھامماد ئىبنى سەلەمەدىن باشقىلىرى ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىمنىڭ ئىشەنچىلىك راۋىيلىرى بولۇپ، ھامماد ئىبنى سەلەمەمۇ ئىمام مۇسلىمنىڭ راۋىيلىرىدىندۇر» دېگەن.
