دوزاخ ئوتىنى كۆرمەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك كۆز

رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قىيامەت كۈنى جەھەننەم (دوزاخ) ئوتىنى كۆرمەيدۇ: 
بۇلار (1) ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، (2) ئاللاھ يولىدا رىباتتا تۇرغان كۆز ۋە (3) ئاللاھ ھارام قىلغان (كوچا – كويدىكى ۋە كىنو – فىلىملەردىكى نامەھرەم ئاياللار دېگەندەك، ت) نەرسىلەرگە قاراشتىن ساقلانغان كۆزدۇر».
شەيخ ئەلبانى، «سىلسىلەتۇس سەھىھە» 2673 – ھەدىس.

نامەھرەملەرگە ۋە باشقا ھەرقانداق ھارام نەرسىلەرگە قاراشنىڭ ھۆكمى – ئاقىۋىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇلانمىلارنى بېسىڭ:



* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.