ھەدىس سۈپىتىدە تارقىلىپ يۈرگەن «شەئباننىڭ 15-كېچىسى كىرگەندە، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆز يالغان ھەدىسلەردىن بولۇپ، ئاساسى يوقتۇر.
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «العلل المتناهية في الأحاديث الواهية» دېگەن ئەسىرىدە، ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ «المنار المنيف في الصحيح والضعيف» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى ئويدۇرما دېگەن.
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ «سلسلة الأحاديث الضعيفة» دېگەن ئەسىرىدە، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەھلى سۈننەت ئىماملىرى (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) بۇ كۈندە (روزا تۇتۇش، مۇنچە رەكئەت ناماز ئوقۇش دېگەندەك) مەخسۇس بەزى ئىبادەتلەرنى قىلىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوقلۇقىنى تەكرار بىلدۈرۈشكەن، شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ بۇ كېچىدە مەخسۇس ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق، بىدئەت سادىر قىلىپ، ساۋاب ئالالمايلا قالماستىن گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
