ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | ئاللاھقا قارىتا ياخشى گۇمان (حسن الظن) قىلىش قانداق بولىدۇ؟

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهما نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«لَا يَمُوتَنَّ أَحَدُكُمْ إِلاَّ وَهُوَ يُحْسِنُ الظَّنَّ بالله عز وجل»

«ھەر بىرىڭلار الله عزَّ وجَلّ ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلغان (يەنى الله نىڭ ئۆزىنى مەغفىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكەن) ھالدا جان ئۈزسۇن.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:

«بەندە قاچانىكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە پەزلىگە سەۋەب بولىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلسا ۋە ئاللاھ ئاشۇ ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا، ئاللاھقا قارىتا ياخشى گۇمان (حسن الظن) قىلغان بولىدۇ. ھالبۇكى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلماستىن، ئاساسسىز ھالدا <ياخشى گۇمان> قىلىش ئاللاھ تەئالادىن بىھۇدە بىر نەرسە كۈتۈش قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ، ئاللاھتىن ھەرخىل ياخشى نەرسىلەرنى ئۈمىد قىلغۇچى ھەقىقىي زەئىپ ئىنساندۇر.

ياخشى گۇمان پەقەت ئاللاھ تەئالا توغرىسىدا ياخشى گۇمان قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇغاندا، ئاللاھنىڭ شۇ نامىزىڭنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ياخشى گۇمان قىل. روزا تۇتقاندا ۋە سەدىقە بەرگەندىمۇ شۇنداق قىل. لېكىن، بىر تەرەپتىن ئاللاھقا ئاشكارا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ توغرىسىدا <ياخشى گۇمان> قىلىش ھېچبىر سەرمايىسى ۋە تايانچى بولمىغان ئاجىزلارنىڭ ئادىتىدۇر.»

مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 441 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.