ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ ﴿١٧﴾ مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ»
{ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار. ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە (ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا) ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ} [سۈرە قاف 17 ~ 18 – ئايەت].
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمىدا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، يا ياخشى گەپ قىلسۇن، يا سۈكۈت قىلسۇن» دېگەن.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىراۋ بىر گەپنى دېمەكچى بولسا، دېمەكچى بولغان گېپى ياخشى گەپ بولسا، شۇنداقلا ئۇ شۇ سۆزى سەۋەبلىك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا جەزم قىلسا، دېمەكچى بولغان گېپىنىڭ ۋاجىب ياكى مۇستەھەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى دېسۇن؛
لېكىن، بىراۋ دېمەكچى بولغان گېپى ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا جەزم قىلالمىسا، دېمەكچى بولغان سۆزى ھارام، مەكرۇھ ياكى مۇباھ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، (كۆپ سۆزلەپ) ھارام ياكى مەكرۇھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇباھ سۆزلەردىن ئۆزىنى تارتىش مۇستەھەبتۇر».
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
