الله سبحانه وتعالى شۇنداق دەيدۇ:
{فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا}
بۇ ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە شۇنداق تەپسىرلەنگەن:
بۇ ئايەتتە الله سبحانه وتعالى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ: بۇلار ئۆز ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا سەن (ئى مۇھەممەد ﷺ) ھايات ۋاقىتتا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، سەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سېنىڭ سۈننىتىڭدىكى ھۆكۈملەرگە مۇراجىئەت قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە قارىتا دىللىرىدىكى ھەرقانداق غۇم يوقالمىغۇچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېنىڭ ھۆكمىڭگە تامامەن بويسۇنمىغۇچە، ھەقىقىي مەنىدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ۋە سۈننەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇپ بويسۇنۇش ئىماننىڭ نەق ئۆزىدۇر.
«تەپسىر مۇيەسسەر» نىسا سۈرىسى 65 – ئايەتنىڭ تەپسىرى. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
