ئىمانى سۇسلاشقان ئادەم قانداق قىلىشى كېرەك؟

سوئال
بىز ئۆز دىيارىمىزدا ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالمايمىز، بىزگە ئاللاھ تائالانى ئەسلىتىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان كۆرسەتمىلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى بولغان «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»نىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

جاۋابنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت – سالاملىرى بولسۇن.
ئىماننى كۈچەيتىش ئۈچۈن:
1-قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇڭ، قۇرئان تىلاۋەتلىرىنى دائىم تىڭشاپ تۇرۇڭ، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىڭ، چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا يۇرتىڭىزدىكى ياكى باشقا جايلاردىكى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن سوراڭ.

قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرلىرىنى ئوقۇش سىزنىڭ ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋە گۈزەل بولغىنى شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھنىڭ تەپسىرى، يەنى «تەپسىر سەئىدى»دۇر [بۇ تەپسىرنىڭ ئېنگلىزچە پ د ئېف نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ، «تەپسىر سەئىدى: ئېنگلىزچە ئون جىلىد»؛ شۇنداقلا «غۇرابا نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تۈركچە نۇسخىسىمۇ بار، ئېنگلىزچە ياكى تۈركچە بىلىدىغان قېرىنداشلار پايدىلانسا بولىدۇ].

2-سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان «سبحان الله والحمد لله ولا اله الا الله والله اكبر ولا حول ولا قوه الا بالله» قاتارلىق زىكىرلەر ئارقىلىق ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ “ئەلئەزكار نەۋەۋىيە” ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئىمان زىيادە بولۇپ، قەلبتە خاتىرجەملىك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ تەرجىمىسى: «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» [سۈرە رەئد 28-ئايەت].

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە نامازنى، روزىنى ۋە ئىسلامنىڭ قالغان ئاساسلىرىنى ئادا قىلىڭ، ھەممە ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَاناً وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ * الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ * أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقّاً لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ تەرجىمىسى: پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، رەببىگە تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغفىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ. [سۈرە ئەنفال 2-3-4-ئايەتلەر].

شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىمان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىيادە بولىدۇ، ئاسىيلىق قىلىش بىلەن كېمىيىدۇ، نامازغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، زاكاتنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئادا قىلىڭ، بۇ سىزنى گۇناھتىن پاكلايدۇ، پېقىر – مىسكىنلەرگە رەھمەت بولىدۇ.

تەقۋادار ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇڭ، ئۇلار سىزنىڭ شەرىئەتكە بويسۇنۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، سىزنى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدىغان يولغا باشلايدۇ.

ئاسىي ۋە بىدئەتچى كىشىلەردىن يىراق بولۇڭ، چۈنكى ئۇلار سىزنى پىتنىگە سېلىپ، ياخشىلىق قىلىش ئىرادىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىڭ ۋە بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سوراڭ.

ئەگەر سىز ئاشۇ ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، ياخشىلىقتىن يوقىتىپ قويغانلىرىڭىزنى تاپقىلى مۇيەسسەر قىلسۇن، ئاللاھ تائالا سىزگە ياخشىلىقنى ۋە ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى زىيادە قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.