بەندىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل قىلىدىغان ئون ئىش

ئىمام ئىبن قەييىم بەندىنى الله نىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل قىلىدىغان ئون ئىشنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1) قۇرئاننى ئۇنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭدا نېمە مەقسەت قىلىنغانلىقىنى چۈشەنگەن ھالدا، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش.

2) پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، الله قا يېقىنلىشىش ئۈچۈن كۆپلەپ نەپلە ئەمەللەرنى قىلىش. چۈنكى (ھەدىس قۇددۇسىيدا كۆرسىتىلگىنىدەك، پەرز ئەمەللەرگە قوشۇپ ئادا قىلىنغان) نەپلە ئەمەللەر كىشىنى الله ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.

3) ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ تىلى، قەلبى، ئەمەللىرى ۋە ئەھۋاللىرى ئارقىلىق الله نى داۋاملىق ياد ئېتىش. چۈنكى، كىشى الله نى قانچىلىك ياد ئەتسە، الله نىڭ ياخشى كۆرۈشگىمۇ شۇنچىلىك نائىل بولىدۇ.

4) ھاۋايى ھەۋەس غالىب كېلىشكە ئۇرۇنغاندىمۇ، ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ئەمەس، بەلكى الله ياخشى كۆرگەننى تاللاش.

5) الله نىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش.

6) الله نىڭ سان – ساناقسىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پەزل – نېمەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىش. چۈنكى بۇمۇ كىشىنى الله نىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل قىلىدۇ.

7) قەلبنىڭ الله نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى ئىبادەتتە) تامامەن يۇمشىشى، بۇ الله نىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبتۇر.

8) الله ﷻ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشكەندە، يەنى كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە الله نىڭ ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولۇش. بۇ ۋاقىتتا الله قا دۇئا قىلىش، ئۇنىڭ كالامى (قۇرئان كەرىم)نى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا چىن ئىخلاس بىلەن، بەندىلىك ئەدەبىگە لايىق شەكىلدە تۇرۇش، ئاندىن بۇلارنى تەۋبە – ئىستىغفار بىلەن تاماملاش.

9) الله قا بولغان سۆيگۈسىدە راستچىل بولغان كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇش (ھەمسۆھبەت، سورۇنداش بولۇش).

10) قەلب بىلەن الله ئوتتۇرىسىدا توسۇق پەيدا قىلىىغان ھەرقانداق نەرسىدىن يىراقلىشىش.

ئىمام ئىبن قەييىم رحمه الله  نىڭ «مەدارىجۇس سالىكىين» ناملىق ئەسىرىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.