ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق، بۇنداق قىلىشنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھۆكمى

ئەللامە شەيخ بىن باز رحمه الله نىڭ پەتىۋالار توپلىمى 6 – جىلىد 402 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق، بۇنداق قىلىشنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: بۇنداق كىشىلەر الله قا ۋە الله نىڭ رەسۇلىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىمانى زەئىپ بولۇپ، ئۆزلىرى تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدىدۇر. بۇ ئەڭ چوڭ قەلب كېسەللىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، كىشىنى الله نىڭ دەرھال ياكى كېچىكتۈرۈلگەن جازاسىغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. الله تعالى شۇنداق دېگەن: {لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُوا يَعْتَدُونَ ‎﴿٧٨﴾‏ كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ ‎﴿٧٩﴾} «بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى (78) ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر – بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! (79)».

سەھىھ ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «مَنْ رَأَى مِنْكُمْ مُنْكَرًا فَلْيُغَيِّرْهُ بِيَدِهِ، فَإِنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَبِلِسَانِهِ، فَإِنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَبِقَلْبِهِ، وَذَلِكَ أَضْعَفُ الْإِيمَانِ» «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئۇنى تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن. ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، ئەنە شۇ (يەنى قەلبى بىلەن نارازى بولۇش) ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ دەرىجىسىدۇر» [سەھىھۇل مۇسلىم].

رەسۇلۇللاھ ﷺ يەنە: «إن الناسَ إذا رأوا المنكرَ فلم يُغيِّروه أوشك أن يعمَّهم اللهُ بعقابِه» «كىشىلەر مۇنكەر (يەنى گۇناھ – مەئسىيەت، خاتالىقلار)نى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆزگەرتمىسە، الله پات يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئەبۇ بەكرى سىددىق رضي الله عنه دىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

بۇ خۇسۇستا يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. الله نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ كاتتا پەرزنى الله رازى بولىدىغان رەۋىشتە ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمىز.