سوئال: بىر ئايال شۇنداق دەيدۇ: مەن رىيادىن قورقىمەن ۋە ئۇنىڭدىن بەكلا ئېھتىيات قىلغانلىقىمدىن، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلالمايمەن، ئۇلارنى غەيۋەت، سۇخەنچىلىك (گەپ توشۇش) دېگەندەك ئىشلاردىنمۇ توسىيالمايمەن. مەن قىلغانلىرىمنىڭ رىيا بولۇپ قېلىشىدىن ۋە كىشىلەرنىڭ مېنى ياسالمىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قېلىشىدىن قورققاچقا، كىشىلەرگە پەقەتلا نەسىھەت قىلمايمەن. گاھىدا، مەن «ئۇلار ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، شۇڭا مېنىڭ نەسىھەتىمگە موھتاج ئەمەس» دەپ ئۆز – ئۆزۈمنى بەزلەيمەن. سىلىنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا قانداق نەسىھەتلىرى بار؟
ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھ نىڭ پەتىۋالار توپلىمى 6 – جىلىد 403 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: بۇ شەيتاننىڭ كىشىلەرنى دەۋەتتىن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشتىن بەزدۈرۈشتىكى ھىيلە – مىكىرلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ كىشىلەرگە قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ رىيا ئىكەنلىكىنى، ياكى باشقىلارنىڭ شۇنداق ئويلاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئى ئاللاھ يولىدىكى ھەمشىرىمىز! سىز بۇ خىياللارغا پەرۋا قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىز كىشىلەرنىڭ دىنىىي مەجبۇرىيەتلىرى (يەنى پەرز/ۋاجىبلار)نى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى ياكى غەيۋەت، سۇخەنچىلىك، (نامەھرەم) ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ھىجابلانماسلىق قاتارلىق ھارام ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئاللاھ يولىدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا ۋە ھەمشىرىلىرىڭىزگە نەسىھەت قىلىش سىزگە پەرز بولىدۇ. سىز بۇنىڭ رىيا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەسلىكىڭىز كېرەك.
سىز ئاللاھقا قارىتا ئىخلاسمەن ۋە راستچىل بولۇشىڭىز، قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىز ئۈچۈن (ئاللاھتىن) ياخشىلىق ئۈمىد قىلىشىڭىز، (رىيا توغرىسىدىكى) بۇ ۋەسۋەسىلەرنى ۋە شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ قەلبىڭىزدىكىنى، نىيىتىڭىزنى، ئۆزىگە بولغان ئىخلاسىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە بولغان سەمىمىيىتىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىسى شەكسىزكى، رىيا شېرىك بولۇپ، رىيا قىلىش دۇرۇس ئەمەس. لېكىن، مۇئمىنلەرنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى رىيا سەۋەبلىك تەرك ئېتىشىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس. ئۇلار رىيادىن ھەزەر ئەيلىشى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار ئارىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
تەرجىماندىن ئىلاۋە: مەزكۇر پەتىۋا رىيا سەۋەبلىك، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا پەرزنى تەرك ئېتىۋاتقانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ياخشى نىيەتلىك خانىم – قىز ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ شەيخ بىن بازنىڭ مەزكۇر پەتىۋاسىنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، تور يۈزىدە «دەۋەت» نامىدا توختىماي ئەرلەرگە نەسىھەت قىلىمەن دەپ يۈرۈشى ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. خانىم – قىز ھەمشىرىلىمىزنى تور پىتنىسىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىز.
