سوئال: ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: بۇنداق قىلىش تۆۋەن دېگەندە مەكرۇھتۇر. بىرىنچىدىن، بۇ ئالدامچىلىق بولىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئەسلىكىدىن ئېگىز كۆرۈنۈش ئۈچۈن بۇنى كىيىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇنى كىيگەندە ئاياللار يىقىلىپ كېتىشى مۇمكىن بولغاچقا، بۇ ئاياللار ئۈچۈن خەتەرلىكتۇر. ئۈچىنچىدىن، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بۇ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىقتۇر.
ئەللامە شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى 6 – جىلىد 397 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
