«ئۇستازى يوقنىڭ ئۇستازى شەيتان»مۇ؟

سوئال: بەزىلەر «كىمكى مۇئەييەن بىر شەيختىن ئىلىم ئۆگەنمىسە، ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتان بولىدۇ» دېيىشىدۇ؟ بۇنىڭ قانداق قارايلا؟

ئەللامە بىن باز رحمه الله نىڭ پەتىۋالىرى توپلىمى 6 – جىلىد 339 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب:

بۇ بەزى سوپىلار كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ يولىغا كىرگۈزۈش ۋە ئازغۇن بىدئەتلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن  كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان خاتا گەپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى ئىسلامنى ئىلىم مەجلىسلىرىگە ئىشتىراك قىلىش، قۇرئان – سۈننەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆگەنسە، ئۇنى «شەيتانغا ئەگەشتى» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولىدۇ ۋە شۇنىڭدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ.

ھالبۇكى، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئەقىدىسى ساغلام، ئەمەللىرى توغرا شەيخلەرگە يېپىشىپ تۇرۇشى (شۇلاردىن ئىلىم ئۆگىنىشكە ھىممەت كۆرسىتىشى) كېرەك. ئۇ ئۆزى ئاڭقىرالمىغان مەسىلىلەرنى شۇ شەيخلەردىن سورىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئەھلىگە مۇراجىئەت قىلمىغان كىشى ئېغىر خاتالىشىپ، بەكلا قايمۇقۇپ قالىدۇ. لېكىن، ئەگەر بىراۋ مۇئەييەن بىر شەيخكە ئەگەشمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىلىم مەجلىسلىرىگە ئىشتىراك قىلىشنى، شۇنداقلا ئىلىم ئەھلىنىڭ دەرسلىرىنى تىڭشاشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنىڭدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.