ئىمام ئىبنى ئەبۇ زەمەنەين ئەندەلۇسىي | ئەھلى سۈننەت بىدئەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

ئىمام ئىبنى ئەبۇ زەمەنەين ئەندەلۇسىي رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«ئەھلى سۈننەت ئەزەلدىن بېرى ئازغۇن كۆز قاراشلىرى بار بىدئەتچىلەرنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇشنى چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ پىتنىلىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدىر – قىممەتسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا، بۇنى غەيۋەت ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغانلىق دەپ قارىمايدۇ.»

مەنبە: ئىمام ئىبنى ئەبۇ زەمەنەين ئەندەلۇسىينىڭ «ئۇسۇلى سۈننە»