گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى بەزى ئايەتلەر

گۇناھلارنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايلى، بولمىسا تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئوپئوچۇق كۆرسىتىلگەندەك ئاقىۋەتلەرگە قالىمىز.

  1. {فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ}

«ﷲ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدى، ﷲ نىڭ جازاسى قاتتىقتۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى 11 – ئايەت]

  1. {فَأَهْلَكْنَاهُم بِذُنُوبِهِمْ وَأَنشَأْنَا مِن بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ}

«شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا كىشىلەرنى پەيدا قىلدۇق» [ئەنئام 6 – ئايەت]

  1. {فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ اللَّهِ مِن وَاقٍ}

«ﷲ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدى، ئۇلارنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالىغۇچى بولمىدى.» [غافىر سۈرىسى 21 – ئايەت]